|

3 – سېنتەبىر ئەتىگەندە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5100 مېتىر بولغان شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيىسىدە ياسىلىپ پۈتتى .
قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىنى ياساشقا جەمئىي 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، قەشقەر ۋىلايىتى پورت باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ ، قۇرۇلۇش پىلانلىنىپ پۈتكىچە جەمئىي ئۈچ يىل ۋاقىت كەتكەن . بۇ شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان دۆلەت دەرۋازىسى شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنغان قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ .
1 – ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش ئۈچۈن ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ھاۋا سوغۇق بولۇش ، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا بولۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلىپ ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى . قۇرۇلۇشنىڭ ئىشلىتىلىشى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكىگە يېڭى بىر مەنزىرە قوشتى .
|