باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
首页>>گۈزەل
تاشپاختا كېنى
2009- 03- 12 15:30 تەڭرىتاغ تورى

    تاشپاختا چىقىدىغان ئورۇندىن 30 نەچچىسى بايقالدى، ئۇلار ئاساسەن ئالتۇن تاغ ، تەڭرىتاغ ، غەربىي كوئېنلۇن تېغى ، غەربىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارغا تارقالغان . ئاساسلىق كان پەيدا بولۇش بەلۋېغى ئالتۇنتاغ تاشپاختا كان پەيدا بولۇش بەلۋېغى بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر كېلىدۇ ، يەتتە ئورۇندىن كان ياتمىسى تېپىلدى ، چوڭراقلىرىدىن يىتىمبۇلاق كېنى ، ئىگېتلىك كېنى ، ئارپا تاشپاختا كېنى قاتارلىقلار بار ، ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاشپاختا كېنى ھاسىل بولۇش بەلۋېغى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ؛ تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي جۇڭغار تاشپاختا كېنى ھاسىل بولۇش بەلۋېغى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ؛ كان ياتمىسىنىڭ تىپى ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسلارنىڭ سېرپېنتىنلاشقان تۈرىنى ئاساس قىلىدۇ . چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ يىتىمبۇلاق تاشپاختا كان ياتمىسى تىپىك كان ياتمىسى بولۇپ، چاقىلىق ناھىيىسىدىن شەرقىي جەنۇبقا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان . بۇ كان كۈچلۈك سېرپېنتىنلاشقان ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسلار گەۋدىسىدە ھاسىل بولغان بولۇپ ، تۆت تاشپاختىلاشقان جىنىس گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 0.98~9.5 كىلومېتىر ، كەڭلىكى 50~800 مېتىر كېلىدۇ . پاختا تومۇرى تورسىمان تومۇر ۋە ئىنچىكە تومۇرنى ئاساس قىلىدۇ ، تاشپاختا توغرا تالالىق بولۇپ ، بوي تالالىقلىرىمۇ ئاندا – ساندا ئۇچراپ قالىدۇ . تالا ئۇزۇنلۇقى 0.5 ~10 مىللىمېتىرغىچە ئايرىمىلىرى 50 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ ، تەركىبىدىكى تاشپاختىنىڭ مىقدارى %4 ~ %8 نى تەشكىل قىلىدۇ . تاشپاختىنىڭ فىزىكىلىق ، خىمىيىلىك ئىقتىدارى ياخشى سوزۇلۇشقا تاقابىلچانلىقى 300 كىلوگرام / كۋادرات مىللىمېتىر . ئىشقاردا چىرىش مىقدارى %2.63 ~ %6.63 بولۇپ ، ئىزولياتسىيىلىك ۋە ئادىئاباتىك ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى . بۇ كان ياتمىسىدا ئېنىقلانغان تاشپاختا مىنېرالىنىڭ مىقدارى جەمئىي 19 مىليون 335 مىڭ توننا ، كەلگۈسى زاپىسى 74 مىليون 730 مىڭ توننا بولۇپ ، مەملىكىتىمىز بويىچە پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى تاشپاختا كان ياتمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە