باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
خىسلەتلىك ماكان – مايبۇلاق
2008- 09- 25 11:21 شىنجاڭ گېزىتى

   قاراماينى ‹‹ ماي ئېقىپ تۇرىدىغان›› نېفىت شەھىرى، دەپ تەسۋىرلىسە، ئارتۇقلۇق قىلمايدىكەن. ئەينى چاغدا بەزىلەر ماڭا قارامايدا ‹‹يەردىن ماي ئېقىپ چىقىدىكەن›› دېسە، زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىگەنىدى.

   بۇ يىل 7 – ئايدا ‹‹سېھىرلىك شىنجاڭغا سەپەر›› زىيارەت ئۆمىكى بىلەن قارامايغا كېلىپ، دۇنيادا مۇشۇنداق جاينىڭمۇ بارلىقىغا ئاخىر چىن پۈتتۈم. ماي ئېقىپ تۇرىدىغان يەر قاراماينىڭ شەرقىي شىمالىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان مايبۇلاق ئىدى. قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، مايبۇلاقتىن 100 مىليون يىل ئىلگىرىلا ماي ئېقىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرمۇ داۋاملىق ماي چىقىۋېتىپتۇ.

   زىيارەت داۋامىدا قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئوۋ ياڭۋېي بىزنى مايبۇلاققا باشلاپ باردى. توختىماي بۇلدۇقلاپ ماي چىقىپ تۇرغان مايبۇلاق ھەقىقەتەنمۇ تەسۋىرلەنگەندىكىدەك ئىكەن. بىز يىراقتىنلا قىزىل رەڭدە ‹‹مايبۇلاق›› دېگەن خەت ئويۇلغان ھەيۋەتلىك تاش ئابىدىنى كۆردۇق. بۇ، 1982 – يىلى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن قاراماي شەھىرى تىكلىگەن 05.2 مېتىر ئېگىز ئابىدە بولۇپ، ئابىدە ئاستىدا نېفىت ۋە قۇمدىن شەكىللەنگەن 70 نەچچە مېتىر ئېگىز ئاسفالت دۆڭ بار ئىكەن.

   مەن بۇ دۆڭلۈككە  چىقىپ، ئاسفالت دۆڭدىكى  قۇرام تاشنى سىلىدىم، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك نېفىت پۇرىقى كېلەتتى. قاراماي، سېرىق قۇم، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى بۇ زېمىندا مايبۇلاقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ  تۇرۇۋاتقىنىغا 100 مىليون يىللاردىن ئېشىپتۇ. نېفىت تۈگىمىگىچە، مايبۇلاقتىن داۋاملىق نېفىت  چىقىپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئېقىپ چىققان نېفىت بىلەن قۇم دانچىلىرى بىرلىشىپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاسفالت دۆڭنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. بۇ، بىر ئاجايىپ مەنزىرە ئىدى.

   ئاسفالت دۆڭنىڭ ئون نەچچە يېرىدە كۆلچىكى بار ئىكەن، ھەر بىر كۆلچەكنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاشمايدىكەن، بەزىلىرىدە ئۆرلەپ تۇرغان كۆپۈكچە ئانچە ئېنىق بىلىنمەيدىكەن، بەزىلىرىدە ناھايىتى يوغان كۆپۈكچە ئۆرلەپ تۇرىدىكەن. نېفىت كۆلچىكىنى دەسسىسىڭىز دەرھال نۇرغۇن كۆپۈك ئۆرلەپ، خۇددى بۇلاق كۆزىدەك بۇلدۇقلاپ كېتىدىكەن. ‹‹بۇلاق كۆزى››نىڭ ئەتراپى ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ، كۈچەپرەك دەسسىسە، دەرھال كۆپۈك ئۆرلەپ چىقىدىكەن.

   دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگونى ‹‹نېفىتكە نامرات دۆلەت›› دەپ ئاتاپ، جۇڭگودا كەڭ كۆلەملىك نېفىتلىك بايقالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئېلىمىز ‹‹نېفىتكە نامرات دۆلەت›› دېگەن قالپاقنى چۆرۈۋېتىش ئۈچۈن مايبۇلاق ئەتراپىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان. 1955 – يىلى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى مايبۇلاقنىڭ جەنۇبىغا 5.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بۇرغىلاشنى باشلاپ، قاراماي بويىچە تۇنجى قۇدۇق  مايبۇلاق  1 – نومۇرلۇق قۇدۇقىنى بۇرغىلاپ چىققان.

   1983 – يىلى قاراماي مايبۇلاققا بارىدىغان تاشيول ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ياساپتۇ، يەنە مايبۇلاققا چىقىدىغان تاش پەلەمپەي ياتقۇزۇپتۇ، مايبۇلاقتا تۇرۇپ شىمالغا قارىسىڭىز، رەت – رەت كاچالكىلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدىكەن. ھازىر قاراماي مايبۇلاقنى نېفىت سانائىتى ساياھەتچىلىكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپتۇ، مايبۇلاق ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان، جاپالىق ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان يادىكار ئورۇن ۋە ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرىلىك جايغا ئايلىنىپتۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ