باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
قىزىلتاغ
2008- 09- 12 16:48 تەڭرىتاغ تورى

       قىزىلتاغ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئۈرۈمچىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ . تاشقى قىياپىتى قىزىل بولغاچقا قىزىل تاغ دەپ ئاتالغان . قىزىل تاغنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1500 مېتىر ، كەڭلىكى تەخمىنەن 1000 مېتىر بولۇپ ، يۆنىلىش شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان . ئەڭ ئېگىز يېرى دېڭىز يۈزىدىن 910 مېتىر ئېگىز . غەربىي تەرىپىدىكى قىزىل تاغ تۇمشۇقى چوڭقۇر ھاڭ ۋە تىك قىيا بولۇپ ، چوققىغا 10.5 مېتىر ئېگىزلىكتە كۆك خىشتىن توققۇز قەۋەتلىك راۋاق ياسالغان . رىۋايەت قىلىنىشچە ، قىزىلتاغ بوغدا كۆلىدىن ئۇچۇپ كەلگەن ناھايىتى چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا بولۇپ ، ئۇنى كىشىلەر ئىلاھ ئورنىدا كۆرىدىكەن ، قەدىمكىلەر ئۇنى ئەتىۋارلاپ سەجدە قىلىدىكەن . قەدىمكى قىزىلتاغ نەزىر–چىراغ مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزىدىغان سورۇن ئىكەن . چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچېڭ 4–يىلى ( 1799–يىلى ) بۇ يەردە ‹‹ئاسمان ئىلاھى ئىبادەتخانىسى›› ( ‹‹ قىزىل ئىبادەتخانا›› دەپمۇ ئاتالغان ) سېلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ يىراقتىن بوغدا تېغىغا ئاتاپ نەزىر–چىراغ قىلىشىغا ئىشلىتىلگەن . شۇ يىللاردا تاغ ئاستىدىكى ئۈرۈمچى دەرياسى دائىم تاشقىنلاپ ، كەلكۈن كېلىپ ئاپەت كەلتۈرگەچكە كىشىلەر ئۇنى سۇ ئەجدىھاسى كۆنەلمىگەنلىكتىن بولغان دەپ قارىغان ؛ قىزىلتاغ ئۇدۇلىدىكى مىڭ مېتىرغا يەتمەيدىغان جايدىكى يامالىق تېغى بىلەن بىرلىشىپ دەريا سۈيىنى توسماقچى دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان . ‹‹تاغنى تىنچلاندۇرۇش›› ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ باش بۇغى شاڭ ئەن چيەنلۇڭنىڭ 53–يىل(1788–يىلى) قىزىلتاغ بىلەن يامالىق تېغىغا بىردىن‹‹ئەجدىھانى تىنچلاندۇرۇش گۆھەر راۋىقى›› سالدۇرغان ، قىزىلتاغدىكى راۋاق 200 نەچچە يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، مۇكەممەل ساقلانغان .

       جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، 50 نەچچە يىل قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق ، قىزىلتاغ 500 نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلىگەن تاغ ئۈستى باغچىسىغا ئايلىنىپ ، تاغقا چىقىدىغان قاراماي يول ، پەلەمپەيلىك يول ۋە ھاۋادىن ئۆتىدىغان فۇنىكۇليور ، سالقىنلاش راۋىقى ، يىراقنى كۆرۈش راۋىقى ، ئاسمان پەلەك چاق ، لىن زېشۈينىڭ ھەيكىلى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى قۇرۇلۇپ ، كىشىلەر ئارام ئالىدىغان ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ