باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
پىگمېنتلىق ئۆسۈملۈكلەر
2008- 09- 09 11:22 تەڭرىتاغ تورى

      پىگمېنتلىق ئۆسۈملۈكلەر—تەركىبىدە تەبىئىي پىگمېنتلار بولغان ، يېمەكلىكلەرگە ، ئۇسسۇلۇقلارغا قوشۇلىدىغان رەڭ خۇرۇچلىرىنى ئالغىلى بولىدىغان ، جۈملىدىن بوياق ماددىلىرىنى ياسايدىغان ئۆسۈملۈكلەر . پىگمېنت–ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېتابولىزم جەريانىدا پەيدا بولىدىغان ھاسىلاتى بولۇپ ، خىمىيىۋى قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئورگانىك بىرىكمىلەردۇر . بۇلارنىڭ بەزىلىرى يوپۇرماق ۋە غوللاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، مەسىلەن : ئوسما ، ئۇنىڭ يوپۇرمىقىدا ئىندىگوتىن بولۇپ ، ئۇ كۆك بوياق ماددىسىدۇر ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈك تالالىرىنى بويىغاندا تىزاپ ئىشلىتىش ھاجەتسىز، ئۇ گىرىم بۇيۇملىرىغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىدىمۇ پىگمېنتلار ساقلىنىدۇ ، مەسىلەن : ئەڭلىك ئوت ، يىلتىزىدا بىنەپشە قىزىل پىگمېنت ئالكاننىن بولۇپ ، قىزىلگۈل رەڭگىدە ، پاختا ۋە يىپەك توقۇلمىلارنى بويىغىلى ، يېمەكلىك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . بەزى پىگمېنتلار گۈل ۋە چېچەكلەردە ساقلانغان ، مەسىلەن : زاراڭزىنىڭ گۈل تاجى تەركىبىدىكى  كارتامىن ماددىسىدىن قىزىل بوياقلارنى ئېلىپ، پاختا رەختلەرنى بويىغىلى ، گىرىم بۇيۇملىرىنى ياسىغىلى ،  ئۇسسۇلۇق ۋە يېمەكلىكلەرگە رەڭ بەرگىلى بولىدۇ .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ