باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
يايلاق ساياھەتچىلىكىگە بىر قانچە تەكلىپ
2008- 08- 28 17:19 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز تاغلىق، يايلاق، ئېكىنزارلىق، چۆللۈك، قۇملۇق ئۆزئارا گىرەلەشكەن تىپىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك، بولۇپمۇ يايلاق ساياھەتچىلىكى تېز راۋاجلاندى. يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرىدە كىشىلەر باراقسان قارىغايلار بىلەن قاپلانغان، تاغ سۇلىرى  شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، ئەتراپتا توپ –  توپ قوي، كالىلار يايلاۋاتقان، ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن يايلاقلاردىكى ئارامگاھلاردا ئارام ئېلىش، سەيلە – ساياھەت قىلىشقا يۈزلەنمەكتە. مەنمۇ بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل بۇرۇن، قاناس، نارات، بايىنبۇلاق، سايرام، بۇغدا كۆلى...قاتارلىق يايلاق ساياھەتچىلىكى  راۋاجلانغان  جايلاردا ساياھەت قىلغانىدىم. بىراق  يېقىندا بۇ جايلارغا قايتا بارغىنىمدا بىر قىسىم يايلاقلار ھۆل – يېغىننىڭ يىلدىن – يىلغا ئازىيىشى، بولۇپمۇ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىنىلا كۆزلەپ، ئېچىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداشقا سەل قارىشى تۈپەيلىدىن بەزى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ دائىرىسى تارىيىپ، ئەسلىدىكى گۈزەل جايلارنىڭ تەبىئىيلىكى، گۈزەللىكىگە نۇقسان يېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. شۇڭا ئۆز تەۋەسىدىكى يايلاقلاردا ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئاچقان ئورۇنلار، يايلاق ساياھەتچىلىكىگە مەبلەغ سالغان ساياھەت كارخانىلىرى يايلاقلاردىكى ئۆزلىرى باشقۇرۇۋاتقان، ئېچىۋاتقان ساياھەت نۇقتىلىرىدا ‹‹ئوتلاق باشقۇرۇش قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئەينەنلىكنى ساقلاش، قوغداش بىلەن ئېچىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يايلاق ساياھەتچىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن:

   تەبئىيلىكنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.  گۈزەل يايلاقلار تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سوۋغىسى. شۇڭا، تاغ، قارىغاي، شارقىراپ چۈشۈۋاتقان زىلال سۇ، كۆز يەتكۈسىز  ئوتلاقلاردا ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئاچقۇچىلار ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلەپ، يايلاقلارنى شەھەرلەردىكى باغچىلاردەك لايىھىلەپ، زىيادە مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىنى سېلىش، گۈللۈك بەرپا قىلىش، توپ مەيدانلىرى ياساش، چىغىر يوللارنى كېڭەيتىش ھەم كۆپەيتىش سەۋەبىدىن يايلاقلارنى ۋەيران قىلىشتىن ساقلىنىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتلاقلاردا خالىغانچە پائالىيەت قىلىشىغا، تاغ توپىسىنى خالىغانچە كولاپ ئېلىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەتچىلەرگە يايلاقنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، قارىغاي، ئوتلاقلارنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ  چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچىشى كېرەك.
ساياھەت شىركەتلىرى شۇ جايدىكىلەرگە بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.  يايلاقلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادى ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك شارائىت تۈپەيلىدىن ئىلگىرى تازا  يۈكسىلەلمىگەن. ئۇلاردا ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئېڭى تازا ئويغانمىغان. شۇنداق ئەھۋالدا بىر قىسىم شىركەتلەر ئۆزلىرى پايدا ئېلىشنىلا كۆزلەپ، شۇ جايدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا بولمايدۇ. شۇڭا چوڭ شىركەتلەر تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىلا ئويلاپ، يەرلىكتىكىلەرنىڭ  پايدا – زىيىنى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىشنى قىلماستىن، ئۇلارغىمۇ پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشى، ئۇلارنى ئۆزئارا مەبلەغ توپلاپ ساياھەت مۇلازىملىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، شۇ ئارقىلىق پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، توغرا، ئادىل رىقابەت ئارقىلىق تەڭ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلىنىشى كېرەك.

   مول مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ساياھەتچىلەرنىڭ تومۇز ئايلىرىدا يايلاقلاردا ساياھەت قىلىشى ھاۋاسى ساپ، سالقىن، مەنزىرىسى گۈزەل يايلاقلاردا سەگىدەش، سەيلە قىلىش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى ئۇنتۇپ، شەھەر شاۋقۇنىدىن يىراقلاپ، تىنچ ئارام ئېلىش بىلەن بىللە، يايلاق  تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇش، چارۋىچىلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدىن خەۋەردار بولۇش،  مەدەنىيەت –  سەنئىتىدىن زوق ئېلىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا ساياھەت شىركەتلىرى ھېيت – بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى يەرلىك خەلقنىڭ يايلاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، خىلمۇ خىل مەزمۇندىكى سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت پائالىيىتىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلپ، تېخىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنى  جەلپ قىلىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ