|
‹‹بۇلۇت ئۈستىدىكى ئالتۇن ماكان›› دەپ تەرىپلىنىدىغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى چوگىرچوققىسى ۋە مۇز تاغ ئاتادەك ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 7000 مېتىردىن ئاشىدىغان ھەيۋەتلىك تاغلار باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، ‹‹جىرغان ئىزلىرى››، شۇنداقلا زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى غولىغا نەقىشلىۋالغان ھەيۋەتلىك دەرەخ ‹‹شاھ››لىرى بىلەنمۇ قەدىمىي يۇرت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا.
بۇ سىرلىق ماكاندىكى داتۇڭ يېزىسى ‹‹قاشتېشى دىيارى››، ‹‹ئالتۇن ماكانى›› دېگەن ناملار بىلەنلا ئەمەس، ‹‹ئورمان پادىشاھلىقىنىڭ ئوردىسى››، دېگەن نام بىلەنمۇ مەشھۇر. داتۇڭ يېزىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ يەردە ئېگىز تاغ، سۈزۈك ئېقىن، خىلۋەت بوستانلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇ يېزىنىڭ كەنتلىرى كۆك سۆيگەن تاغلار ئارىسىدا بولۇپ، ھاۋاسى ئىللىق ھەم ساپ. زەرەپشان دەرياسى بۇ يۇرتنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ ئارىسىدىكى بۇ ئاجايىپ گۈزەل مۇھىت كىشىگە غايىۋى جەننەتتەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
بۇ دىيارنىڭ يەر تۈزۈلۈشى، ھاۋا كىلىماتى، سۇ مەنبەسى ئالاھىدە بولغاچقا، نەچچە ئەسىرلەپ باراقسان ئۆسكەن كاداڭ دەرەخلەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۆھتەرەم ئوقۇرمەن، ئەمدى بۇ دىياردىكى ‹‹يەتتە شاھ›› بىلەن تونۇشۇڭ:
توغراق ‹‹شاھى››
بۇ دەرەخ داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە بولۇپ، ئۇ غولىنىڭ يوغانلىقى، يىل دەۋرىنىڭ ئۇزاقلىقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ توغراقنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى تاغدا ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەر ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئاق تۆگىنىڭ سىماسى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، سول تەرەپتىكى تاغدا مەشھۇر ‹‹بامافىل ۋەلى›› مازىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردىكىلەر بۇ توغراقنى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، دەپ قارايدۇ. توغراقنىڭ تۆۋەن غول ئايلانمىسى 5.15 مېتىر كېلىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 50 مېتىر، ئومۇمىي شاخلىرىنىڭ ئايلانمىسى 300 مېتىردىن ئاشىدۇ. دېمەك، بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق توغراق ‹‹شاھى››دۇر.
قارىغاي ‹‹شاھى››
قارىغاي ‹‹شاھى›› داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىگە تەۋە ماياقدى يايلىقىدا بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى 1800يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، دەپ قارايدۇ. بۇ قارىغاي ھەيۋەتلىكلىكى، بۈك – باراقسانلىقى بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. يازدا پادىچىلار بۇ قارىغاي تۈۋىدە پاناھلىنىدۇ. چېلەكلەپ يامغۇر ياغسىمۇ قارىغاي تۈۋىگە بىر تېمىم سۇ چۈشمەيدۇ. قارىغاينىڭ غول ئايلانمىسى 4.9 مېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 55 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي شاخ ئايلانمىسى تەخمىنەن 250 مېتىردىن ئاشىدۇ.
ئارچا ‹‹شاھى››
ئارچا ‹‹شاھى›› داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىگە تەۋە لەڭگەركال يايلىقىدا بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى ‹‹ئارچا مازار››، دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ ئارچا غولىنىڭ يوغانلىقى، يىل تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى ۋە ئاجايىپ ھەيۋەت، باراقسانلىقى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. يەرلىكلەر ئۇنى 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە، دەپ قارايدۇ. بۇ ئارچىنىڭ غول ئايلانمىسى 6.4 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 43 مېتىر كېلىدۇ، تارىختىن بېرى بۇ يەردىكىلەر بۇ ئارچىنىڭ شېخى ۋە قوۋزىقىدىن دورا ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەن.
چېجە ‹‹شاھى››
چېجە ‹‹شاھى›› )گۈلى بادام دەپمۇ ئاتىلىدۇ(داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدىكى نەيزەتاش دېگەن يەردە. كىشىلەر بۇ دەرەخنى ‹‹مازار دەرىخى››، دەپ ئۇلۇغلايدۇ. چېجە ئاز ئۇچرايدىغان دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆسۈشى بەكمۇ ئاستا، نەچچە ئون يىلدا غولى ئاران بىر نەچچە سانتىمېتىر يوغىنايدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى 1200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، دەپ قارايدۇ. بۇرۇنقىلار بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرماق ۋە قوۋزاقلىرىدىن دورا ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ تۆۋەن غول ئايلانمىسى 5.1 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 35 مېتىردىن ئاشىدۇ.
ئۆرۈك ‹‹شاھى››
ئۆرۈك ‹‹شاھى›› داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدىكى كوكەن دېگەن يەردە. يەرلىك كىشىلەر بۇ ئۆرۈكنى 1100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، دەپ قارايدۇ. ئۆرۈكنىڭ تۆۋەن غول ئايلانمىسى 3.5 مېتىر ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 35 مېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي شاخ ئايلانمىسى 160 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ ئۆرۈكنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىدىن كۆرگەنلەر تاڭ قالىدۇ.
ئۈجمە ‹‹شاھى››
ئۈجمە ‹‹شاھى›› داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئايقىرىق كەنتىدىكى قەلەمدۇن مەھەللىسىدە بولۇپ، بۇ ئۈجمە ئېگىزلىكى، غولىنىڭ يوغانلىقى بىلەن كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. يەرلىك كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 1500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بۇ ئۈجمىنىڭ تۆۋەن غول ئايلانمىسى 5.4 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 35 مېتىر ئەتراپىدا. ئۇ ھازىرغىچە مېۋە بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.
ياڭاق ‹‹شاھى››
ياڭاق ‹‹شاھى›› داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئايقېرىق كەنتىدىكى كاندەلاخىش دېگەن يەردە. بۇ ياڭاق تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، يوغان، ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن مەشھۇر. يەرلىك كىشىلەر ئۇزاقتىن بېرى بۇ ياڭاقنى ‹‹ياڭاقلارنىڭ بوۋىسى››، دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە. ياڭاقنىڭ تۆۋەن غول ئايلانمىسى 1.7مېتىر بولۇپ، ھازىرغىچە باراقسان ئۆسۈپ، مېۋە بېرىۋاتىدۇ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا بۇ ياڭاققا 1800 يىل بولغانلىقى ھەققىدە رىۋايەت تارقالغان.
|