|
كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل قاناس مەنزىرىلىك رايونىغا بارىدىغان ساياھەتچىلەر ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئازىيىپ قالدى، لېكىن بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى ئىلگىرىكىدەكلا قىزىپ كەتتى. 25 – ئىيۇل سەھەردىلا، ناھىيە بازىرىدىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىدا ئايلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۆردۈم. مەنزىرە رايونىنى ئاچقان خې جىياڭ بۇ يىل ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ 110 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 11 – ئاۋغۇست ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، بۇ ناھىيىگە ساياھەتكە كەلگەنلەر 280 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتكەن، ساياھەت كىرىمى 210 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
بۇرچىن ناھىيە بازىرى ئېرتىش دەرياسى بىلەن بۇرچىن دەرياسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان بولۇپ، قاناس مەنزىرە رايونىغا 200 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيىسى ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىغا بېرىش ئۈچۈن ئۆتىدىغان ‹‹ئۆتەڭ›› ئىدى. ساياھەتچىلىككە مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم لى فېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاناسقا بارىدىغان ساياھەتچىلەر يىلىغا 1 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن بۇ ساياھەتچىلەر كۆپ بولغاندىمۇ ناھىيە بازىرىدا بىر كېچىلا قوناتتى. ئۇ مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: بۇ ساياھەتچىلەرنى ناھىيىمىزدە بىر كۈن تۇرغۇزالىساق، كىشى بېشىغا 100 يۈەندىن ئىستېمال قىلغان تەقدىردىمۇ، بىر يىلدا 100 مىليون يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق ياخشى سودا پۇرسىتى ئالدىدا بۇرچىن ناھىيىسى يەرلىك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارالمىسىنى مۇھاكىمە كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزدى. ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق نۇرغۇن باشلامچى كارخانىنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، قاناس مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت يانداش رولنى ياخشى ئويناش بىلەن بىللە، يەنە بىر قىسىم ساياھەتچىنى بۇرچىن ناھىيىسىدە ساياھەت قىلىشقا قىزىقتۇردى.
بۇ ناھىيە شىنجاڭ ‹‹رۇڭخەي›› سانائەت سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى جەلپ قىلىپ، ئەسلىدىكى دەريا قېشى كېچىلىك بازىرىغا مېھمانخانا، يېمەك – ئىچمەك، ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىش، ئۆي ئىجارە بېرىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن روسىيە ئارامگاھى سالدى؛ شياڭگاڭ ‹‹شەنيۆ›› ساياھەت – ئېچىش شىركىتىنى جەلپ قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭ ساھىل مايىكى ئاساسىي تېما قىلىنغان باغچا سالدى، ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىنىمۇ بۇ شىركەت مەبلەغ سېلىپ ئاچقان. ئۇلار يەنە قاناس بۇغا باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنى جەلپ قىلىپ، بۇغا ساياھەتچىلىكى، بۇغا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تۈرلىرىنى يولغا قويدى؛ بۇ يىل 6 – ئايدا شياڭگاڭ ‹‹سۇيفېڭ›› چەۋەندازلىق ساياھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى، شىركەت 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇرچىن ناھىيىسىدە چەۋەندازلىق مەشىق بازىسى سېلىپ، ئات بېقىش، ئات كۆندۈرۈش ۋە چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى؛ ناھىيە ئېرتىش دەرياسى رەڭلىك قاشتېشى تەرەققىيات شىركىتى قۇرۇپ، بۇ ناھىيىگىلا خاس ئېرتىش دەرياسى رەڭلىك قاشتېشى بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلانماقچى؛ قازاقلارنىڭ كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاپ، بىر قانچە مىللىي ئۇششاق تاۋارلارنى سېتىش بازىرى ۋە مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچماقچى. بۇلتۇر قاناس A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايون بولۇپ باھالاندى.
|