باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى 26 - ئاۋغۇست(بۈگۈن) باشلاندى
2008- 08- 26 12:38 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى 26 – ئاۋغۇست(بۈگۈن) باشلاندى.

     بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم سەيلىسى— بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلبىلىك يېپىلغان، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ساياھەت مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، تۇرپان ۋىلايىتى ‹‹ئولىمپىك بىلەن بىرلىكتە سىرلىق تۇرپانغا سەپەر››دىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە مول تارىخىي، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلىپ، تۇرپاننىڭ ساياھەت جەھەتتىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر چوڭ تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، شېرىن – شىكەر ئۈزۈملەرگە ئېغىز تېگىپ، تۇرپاندىكى ئاجايىپ تاشلارنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تونۇردىن پىشىپ چىققان كالا گۆشى كاۋىپىغا ئېغىز تىگەلەيدۇ. ئۈزۈم سەيلىسىنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانى بولغان پىچان ناھىيىسىدە ‹‹يېڭىچە پىچاندىن تەسىرات ئېلىش، قەدىمىي كىرورەن مەدەنىيىتىنى ھىس قىلىش›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ. قۇم ئويمىسى، دىھقانلار نان يېقىش مۇسابىقىسى، ‹‹كىرورەندىكى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش›› تېمىسىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ساياھەتچىلەر دىققەت قىلىدىغان يېڭى يورۇق نۇقتىلاردىن بولۇپ قالىدۇ.  
 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ