باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
بۇ يىل قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپەيدى
2008- 08- 25 12:18 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، قەشقەر شەھىرى مىللىي ئۆرپ–ئادەت ، مىللىي مەدەنىيەت ، مىللىي مۇزىكا بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويغانلىقتىن ، قەشقەرگە كېلىپ سەيلە–ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپەيدى.
     قەشقەر شەھىرى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھېيتگاھ جامىئەسى ، قەشقەر ئوتتۇرا–غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى قاتارلىق ئالتە ساياھەت نۇقتىسىغا ئۈچ يۇلتۇز، تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك تازىلىق ئۆيى سېلىپ ، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى–تاشقى مۇھىتىنى ياخشىلىدى. ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە يەتكۈزۈلىشى ، 4–نۆۋەتلىك ‹‹قەشقەر سودا يەرمەنكىسى››قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ، قەشقەرنىڭ ئەۋزەل ساياھەت بايلىقىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە قوشنا ئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك سودا يەرمەنكىسىگە ئۆمەك ئەۋەتىپ ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يولى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە سودىگەرلەرنىڭ بۇ شەھەرگە كېلىپ، زاۋۇت–كارخانا قۇرۇشقا، ساياھەت مەنبەلىرىنى بىرلىكتە ئېچىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت بايرىمى، دارۋاز بايرىمى، نورۇز بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملاردا ھەر خىل مەدەنىيەت–سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلاردىكى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ، ھەر ساھەنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ھەمدە ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. نەتىجىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، قەشقەر شەھىرىگە كەلگەن ساياھەتچى 483 مىڭ ئادەم قېتىمغا ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 159 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ساياھەتچىلىك كەسپى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى.

بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر ھېيتگاھ جامىئەسىنىڭ تارىخىنى ئاڭلىماقتا

بىر ساياھەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ قول–ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىنى كۆرمەكتە

ساياھەتچىلەر ئەسكىھېسار شەھەرچىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ