باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
غۇلجا شەھىرى ساياھەتچىلىكنى 3 – كەسىپ تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى
2008- 08- 21 16:45 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      غۇلجا شەھىرى بۇلتۇردىن بۇيان شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا سەھرا ئارامگاھى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان سەھرا ئارامگاھلىرىنى 100 گە يەتكۈزۈپ، سەھرا ئارامگاھى ساياھىتى بىلەن مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى. مۇشۇ بىر يىلدا سەھرا ئارامگاھلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 170 مىڭ ئادەم/قېتىمغا، ساياھەتچىلىك كىرىمى 5 مىليون يۈەنگە يەتتى. غۇلجا شەھىرى قازانچى مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەت رايونىدىكى تۇرسۇن مۇھەممەت مۇنداق دېدى:‹‹ئائىلەم ساياھەت نۇقتىسى بولغان بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. ھازىر ماڭا ئوخشاش مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خېلىلا كۆپ.››

    غۇلجا شەھىرى بۇلتۇردىن بۇيان 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شەھەر رايونىدىكى 26 كوچا، 97 ئارقا، خالتا كوچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43.3 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئورۇنلارغا 37.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يۇندا يولى لېنىيىسى، 36.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۇرۇبا سۇ لېنىيىسى ياتقۇزۇپ، يوللارغا بىر مىڭ 500 چىراق ئورناتتى ھەمدە بۇ رايوننى قازانچى مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەت كوچىسى، قىلىپ بېكىتتى. بۇ يىل مايدىن باشلاپ بۇ رايوندا خادىك بىلەن ساياھەت قىلىش، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، ناخشا – مۇزىكا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىش قاتارلىق ئون نەچچە ساياھەت تۈرىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھىرىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يىلىغا %15 لىك سۈرئەت بىلەن كۆپەيدى ھەمدە يىللىق ساياھەت كىرىمى 268 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ‹‹ئەڭ گۈزەل شەھەر›› شەرىپىگە ئېرىشتى.

  
  
 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ