باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
توقسۇ ناھىيىسىدە سەھرا ساياھەتچىلىكى‹‹يارقىن نۇقتا››بولۇپ قالدى
2008- 08- 20 16:28 شىنجاڭ گېزىتى

     توقسۇ ناھىيىسىدىكىلەر ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۆزگىچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق سەھرا ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

     ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىكنى ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، تەبىئىي مەنزىرە ساياھەتچىلىك بايلىقىغا تايىنىپ، باغ – ئورمانچىلىق، بېلىق تۇتۇش، ئالاھىدە يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى قاتارلىق ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە  سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا ‹‹ليۇخې›› ئېكولوگىيىلىك باغچىسى، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش كەنتى، شەرق تەرىپىدە ‹‹لوڭچۈن›› ئېكولوگىيىلىك بېلىقچىلىق ئارامگاھى، ‹‹ئاق ئالتۇنباغ›› رېستورانى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت باغچىسى، جەنۇب تەرەپتە ئارا مەھەللە باغ ئارامگاھلىرى سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ‹‹يارقىن نۇقتا›› بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇلتۇزباغ بازىرىدىكى دېھقان شى سەنمىننىڭ 200 نەچچە مولۇق باغ – كۆچەتزارلىق مەنزىرە نۇقتىسى، ئىچئېرىق يېزىسىنىڭ توما كەنتىدىكى ئېزىز جارۇپنىڭ ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› مەنزىرە نۇقتىسى، تاشئېرىق يېزىسى ئاچادۆڭ كەنتىنىڭ 30 نەچچە مولۇق ئۈزۈم كارىدورى ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› مەنزىرە نۇقتىسى، پەيشەنبە بازار يېزىسىنىڭ نۇرباغ كەنتىدىكى قەدىمىي ياڭاقلىق باغ سەھرا ئېكولوگىيىلىك ساياھەتچىلىك مەنزىرە نۇقتىسى، ئۆگەن يېزىسىدىكى قۇمكۆل باغ مەنزىرىسى، تامتوغراق يېزىسىدىكى 38 مىڭ مولۇق چىلانلىق –  ياڭاقلىق مەنزىرىسى ۋە توقسۇ بازىرىدىكى دېھقانلارنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەر خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئىشلەش ھۈنەر – سەنئىتى قاتارلىق سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرى بارلىققا كەلدى.

     توقسۇ ناھىيىسىدە ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت كىرىمىنىڭ ئېشىشى ناھىيىنىڭ خەلق ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ