باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
جانلىنىۋاتقان داۋالىنىش ساياھەتچىلىكى
2008- 08- 14 12:21 شىنجاڭ گېزىتى

 زۇلپىيە ئابدۇۋەلى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالىنىشنىڭ قىممەتلىشىشى ۋە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىغان ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئاغرىقلار دورا باھاسى ئەرزان، داۋالاش ھەققى تۆۋەن بولغان ھىندىستان، سىنگاپور، تايلاند، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغاچ داۋالىنىشقا باشلىدى. ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەر چەت ئەللىكلەرنى ئەڭ ياخشى داۋالىنىش شارائىتى، ئەتراپلىق مۇلازىمىتى بىلەن جەلپ قىلغاندىن سىرت،  داۋالانغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىمۇ مۇۋاپىق ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىچە بىر خىل داۋالىنىش ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى. ھازىر، ئاسىيادىكى  بۇ دۆلەتلەرگە كېلىپ بۇنداق ساياھەتچىلىكتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار يىلىغا%20 تىن%30 كىچە كۆپەيمەكتە، 2012 – يىلىغا بارغاندا بۇ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنىدىغان كىرىم 4 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

   ھىندىستان ئاسىيادىكى داۋالىنىش ساياھەتچىلىكى گۈللەنگەن دۆلەت. ھىندىستان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنغا قەدەر ھەر يىلى ھىندىستانغا كېلىپ داۋالانغان چەت ئەللىكلەر 150مىڭ ئادەم )قېتىم(بولۇپ، ھەر يىلى%15تىن ئېشىپ بارغان. 2012 – يىلىغا بارغاندا ھىندىستاننىڭ بۇ تۈردىن قىلىدىغان كىرىمى 2مىليارد 200مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. چۈنكى ھىندىستاننىڭ داۋالىنىش خىراجىتى تۆۋەن، دورا باھاسى ئەرزان، ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى، يۈرۈشلەشكەن داۋالاش مۇلازىمىتى ياخشى ئىكەن.

   ئاسىيادا ئەمگەك كۈچى ئەرزان، داۋالىنىش خىراجىتى ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئاران ئوندىن بىر ئۈلۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

   يۈرەك ئوپېراتسىيىسىنى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاغرىقلار ھۆكۈمەتنىڭ 50مىڭ دوللاردىن 70مىڭ دوللارغىچە سۇغۇرتا ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ئاغرىقلار 120 مىڭدىن 170 مىڭ دوللارغىچە بولغان داۋالىنىش راسخوتىنى ئۆزلىرى تۆلەيدۇ. بىراق ھىندىستاندا يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسا، ئايروپىلان بېلىتى، ياتاق، تاماق خىراجەتلىرى قوشۇلۇپ تەخمىنەن 10 مىڭ دوللار بىلەن ساقىيىپ كېلەلەيدۇ. تايلاندتا مۇشۇنداق ئوپېراتسىيە ئۈچۈن 12مىڭ دوللار، سىنگاپوردا 20 مىڭ دوللار كېتىدۇ. ساياھەت داۋامىدىكى يول كىراسى، ياتاق، تاماق خىراجەتلىرىنى قوشقاندىمۇ، ئامېرىكىلىقلار ئاسىيادا داۋالانسا ئامېرىكىدا داۋالانغان خىراجەتنىڭ 4/3 قىسمىنى تېجەپ قالالايدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاسىياغا بېرىپ داۋالانغاچ ساياھەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىراجەتلىرىنىمۇ ئاتچوت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ھىندىستاننىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالاش سەۋىيسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە يەتمىسىمۇ، داۋالاش جەھەتتە يەنىلا داۋالاش ھەققى تۆۋەن بولۇش، قۇلايلىق قاتناش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ھىندىستان داۋالانغۇچىلارنى ئايروپورتقا ئاپىرىپ –  ئەكىلىش، ساياھەت قىلدۇرۇش، يالغۇز كىشىلىك كېسەلخانا، تەرجىمە مۇلازىمىتى، مەخسۇس ئاشخانا، ئاشپەز ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشتەك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، داۋالانغاچ ساياھەت قىلغۇچىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا.

   2003  – يىلى سىنگاپور  ساياھەت شىركىتى ‹‹سىنگاپور خەلقئارا داۋالاش پىلانى››نى يولغا قويغاندىن كېيىن،  2005 – يىلىلا 374مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سىنگاپورغا بېرىپ داۋالاندى، داۋالىنىش ساياھىتىگە كەلگەنلەرنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى%20تىن يۇقىرى بولدى. 2012 – يىلىغا بارغاندا، سىنگاپور ھەر يىلى 1 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 300 مىليون  دوللار كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىمەكتە. شۇنداق بولغاچقا سىنگاپور ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانىلار بىلەن خۇسۇسىي دوختۇرخانىلارنىڭ بىر  – بىرىنى تولۇقلىشىغا ئىلھام بېرىپ، دوختۇرخانا ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى زىچ ھەمكارلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى. ھازىر دوختۇرخانا بىلەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، دوختۇرخانىلار داۋالاش خادىملىرىنى تەقسىملەش )ساياھەتچىلەرگە ھەمراھ بولۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، داۋالاش( كە مەسئۇل بولسا، كېيىنكىسى، ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىش، ياتاق، تاماق ھەم ساياھەت لىنىيىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان بولدى. سىنگاپوردىكى چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن ‹‹داتوڭ›› شىركىتى ھەمكارلىشىپ يەرشارى خاراكتېرلىك ئالاقە تورى ئورنىتىپ، ئاغرىقلارنى  دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىنىش شارائىتى، داۋالىنىش راسخوتى، مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىن ئالدىن  خەۋەردار قىلدى.

    ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن داۋالىنىش ساياھەتچىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە.  ھىندونېزىيە، مالايسىيامۇ داۋالىنىش ساياھەت بازىرىنى ئېچىشنى باشلىدى. جۈملىدىن ئېلىمىزمۇ داۋالاش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش شارائىتىنى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بولۇپمۇ جۇڭگوچە داۋالاش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ