باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭدىكى ئەڭ
مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى
2008- 08- 11 15:12 تەڭرىتاغ تورى

    

      باغراش كۆلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1228 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قايدۇ دەرياسىنىڭ ئاخىرلاشقان جايى ، كۆنچى دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ ، ئۇ قارا شەھەر ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان . ھازىرقى كۆل ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ، چوڭ كۆلنىڭ غەربىي رايونىدىكى كىچىك كۆل رايونى 16 كىچىك كۆللەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، ئومۇمىي كۆلىمى 240 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . باغراش كۆلى ئەڭ چوڭقۇر يېرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 مېتىر بولۇپ ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىر كېلىدۇ . ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بەزىدە كۆلدە دەھشەتلىك دولقۇن ھاسىل بولىدۇ ، بۇ چاغدا كۆل بەئەينى دېڭىزغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك چايقىلىدۇ.

      ياز پەسلىدە ، كۆلدىكى بېلىقچىلىق كېمىلىرى رەڭدار بۇلۇتلار بىلەن ماسلىشىپ ، بىر خىل گۈزەل مەنزىرىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئالتۇن كۈز پەسلىدە، كۆلدىكى قۇمۇشلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ ، كىشىنى بەكمۇ مەستخۇش قىلىدۇ. قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە ، كۆل يۈزى نىپىز مۇز بىلەن قاپلىنىپ ، ئەينەككە ئوخشاپ قالىدۇ . باغراش كۆلى ھازىر داڭلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باغراش كۆلى بويىدىكى ئالتۇن ساھىل سەيلىگاھى

 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ