باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭدىكى ئەڭ
ئايدىڭكۆل جۇڭگودىكى ئىسسىق قۇتۇپ رېكورتىنى يېڭىلىدى 
2008- 08- 08 17:02 تەڭرىتاغ تورى

 

    جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى لىن جىگۇاڭ قاتارلىقلار ئايدىڭكۆلدە ئۆلچەش ئېلىپ بارماقتا

    ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى شورلۇق كۆل ، ئۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان چاتقال يېزىسى چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، جۇڭگودىكى 1–، دۇنيادىكى 2–ئورۇندا تۇرىدىغان ئويمانلىق . يېقىندا ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى جۇغراپىيە ئىلمى ۋە بايلىق تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن كەلگەن ئون نەچچە مۇتەخەسسىس نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئايدىڭكۆل جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن جاي بولۇپلا قالماي ، يەنە دۆلىتىمىزدىكى تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى ئورۇن ، دەپ يەكۈن چىقاردى.

    23 – ئىيۇل، تۇرپاننىڭ شەھەر ئىچى تېمپېراتۇرىسى ℃40.9 قا چىقتى ، مۇتەخەسسىسلەر ئايدىڭكۆلنىڭ كۆل ئاستى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە ℃44.5 قا چىقىپ ، ئايدىڭكۆلنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ ئىسسىق قۇتۇپ ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

    3 – ئاۋغۇست ، تۇرپان ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى كۈتۈۋالدى ، شەھەر ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃47.4 قا ، ئايدىڭكۆلنىڭ تمپىراتۇرىسى ℃49.7 قا چىقىپ ، ‹‹يېڭى ئىسسىق قۇتۇپ›› نىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى.

    

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ