باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭدىكى ئەڭ
دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق شەھەر
2008- 08- 04 10:44 تەڭرىتاغ تورى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى 

      ئۈرۈمچى دۇنيا بويىچە دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى بولۇپ ، بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز ياقىسى بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 2 مىڭ 250 كىلومېتىر كېلىدۇ .

       ئۈرۈمچى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە ، جۇڭغار ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۇپرىقى مۇنبەت ، سۇلىرى ئەلۋەك بىر ماكان . ‹‹ئۈرۈمچى›› موڭغۇلچە سۆز بولۇپ ، مەنىسى گۈزەل يايلاق دېگەنلىكتۇر . قەدىمىي ئۈرۈمچى دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقىدىغان بولۇپ ، شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ . شەھەرنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 400 مېتىر ئېگىز بولغان بوغدا چوققىسى ، جەنۇبىدا بولسا ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ، غەربىدە بولسا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يامالىق تېغى ، شەھەر ئىچىدە بولسا كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىلتاغ بار بولۇپ ، بۇلار ئۈرۈمچىنى ئالاھىدە گۈزەل بىر جايغا ئايلاندۇرغان .  

      ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھىرى ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى شۇنداقلا كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى توپلانغان مۇھىم ئورۇن . ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۈرۈمچى دۇنياغا داڭلىق ‹‹يىپەك يولى››دىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر بۇ مەركىزىي شەھەردە ئىناق ياشىماقتا .

      ئۈرۈمچى ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ ‹‹مۆجىزىلەر دەرۋازىسى›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . ئۈرۈمچى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب–شىمالىنى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم جاي ۋە چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ قالدى .

ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى

        

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ