|
ماناستىكى ‹‹خېيلياڭۋەن›› ئىستىراھەت كەنتى يېمەك – ئىچمەك، ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن، مەنزىرىسى گۈزەل تەبىئىي باغچا. ماناس ناھىيىلىك تەمىنات – سودا كوپىراتىپى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بۇ ئىستىراھەت كەنتى 2004 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلەر ئىستىراھەت كەنتىدىكى تۆت ئالاھىدە داچىدا تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراينىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئىستىراھەت كەنتىدە يەنە 60 قا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايدىغان خەنزۇ مىمارچىلىق ئۇسلۇبىدا ياسالغان قورۇدىن سەككىز يۈرۈشى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ قورۇدا ئۆزلىرى تاماق ئېتىپ يېسە، كۆڭۈل ئاچسا، ئارام ئالسا بولىدىكەن. دۆلەت تەرىپىدىن AAA دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى، دەپ نام بېرىلگەن بۇ ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› ئىستىراھەت كەنتىدىكى كۆل قىش پەسلىدە يىراق – يېقىندىن قار، مۇز تېيىلىش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن تېخىمۇ قىزىپ كېتىدىكەن.
|