باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
مارالبېشى ناھىيىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتتى
2008- 07- 31 11:24 شىنجاڭ گېزىتى

    مارالبېشى ناھىيىسىدە  ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توققۇزساراي قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ‹‹چوڭ تېم›› ئۆتەڭ خارابىسى، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن بورچى تېغى، ئاتەش تېغى قاتارلىقلار بار. ناھىيىدىكى پاراۋانلىق ئورمىنى 3 مىليون 60 مىڭ مو بولۇپ، بۇ، دۇنيا بويىچە بىردىنبىر كەم ئۇچرايدىغان تەبىئىي توغراقلىق ھەمدە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەنزىرە رايونى. 2002 –  يىلىدىن ئېتىبارەن، ناھىيە ھەر يىلى 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئېكولوگىيىلىك توغراق ئورمىنىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەبىئىي توغراقلىقنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ،  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار جايلاردا ھەرگىز بوز يەر ئاچماسلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار يەردە قۇرۇلۇش قىلغاندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. ‹‹مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى››نى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ