باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
سەيلىگاھ –– موزېي –– ئابىدە
2008- 07- 31 11:21 شىنجاڭ گېزىتى

   كارىز ھەققىدىكى ‹‹جۇڭگودىكى قەدىمكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى››، ‹‹تۇرپان – قۇمۇل خەلقىنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى››، ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى››... دېگەندەك تەرىپ – باھالارنى ئاڭلىسىڭىز، ئەجدادلاردىن مىراس قالغان بۇ كاتتا مۆجىزىنى چوقۇم كۆرگىڭىز كېلىدۇ. ئەگەر شۇ ئىستىكىڭىزگە يەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇدۇل تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىغا تەۋە يار كەنتىدىكى مىيىم ھاجى كارىزىغا كېلىڭ!  بۇ يەرگە كەلسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا  سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، دەرەخلەر باراقسانلاپ ياشناپ تۇرغان، قۇشلار سايراپ تۇرغان بىر جەلپكار سەيلىگاھ  نامايان بولىدۇ. بۇ دەل ئاپتونوم رايونىمىز، ھەتتا مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى  كارىز سەيلىگاھىدۇر.

   شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن 1992 – يىلى قۇرۇلۇپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بۇ كارىز سەيلىگاھى  ھەدېگەندىلا سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا تۇرپاندا ياشىغان قاڭقىللارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق ‹‹قاڭقىللار كۆۋرۈكى››دىن ئۆتۈپ، كۆڭۈل قويۇپ سىزىلغان ‹‹كارىز رىۋايىتى›› تام رەسىمى، تارىختىكى كارىز ئۇستىلىرىنىڭ كارىز قېزىش ئەمگىكىدىن كۆرۈنۈش، كارىز قېزىشقا ئىشلىتىلگەن قەدىمىي قورال – سايمانلار، كارىز تارىخى پۈتۈلگەن قىياتاش سىزمىلىرى، غايەت زور كارىز قۇرۇلۇشىنىڭ كەسمە يۈزى مودېلى، مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كارىز ھەققىدىكى بېغىشلىمىلىرى قاتارلىق جانلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى زور قىزىقىش بىلەن بىرمۇ بىر كۆرىسىز – دە، بۇ سەيلىگاھنى كاتتا مۇزېيغا ئوخشىتىسىز. دېمىسىمۇ، بۇ سەيلىگاھ كارىز مۇزېيىدۇر.

   كارىزنىڭ 2000 يىللىق تارىخىنى ئەسلىتىدىغان بۇ مۇزېينىڭ ئىچىدە ‹‹رېئاللىق››قا ئېچىلىدىغان بىر ئىشىك بار. بۇ ئىشىكتىن كىرسىڭىز كارىزنىڭ دەل ئۆزىنى، يەنى 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەشمە، تىك قۇدۇق، ئوچۇق ئېرىق، زىلال سۇلارنى كۆرىسىز. ئېقىن بويلاپ ماڭغاچ كارىز سۈيىدىن قانغىچە ئىچىپ، يۈرىكىڭىز سەگىگەندە سىرتقا چىقسىڭىز، سالقىن ھەم ئازادە ئۈزۈم كارىدورى، بۇ كارىدورغا پاراللېل ياسالغان 13 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۈزۈم مۇنارى، بۇ مۇنارغا يانداش جايلاشتۇرۇلغان سۈنئىي تاغ، فونتان، كوركىراتما، تاشچىغرىق، گىياھتاش، ئاپتۇۋا شاھى قاتارلىق ‹‹كارىز قولداشلىرى›› سىزگە ئايرىم – ئايرىم ‹‹سالام›› قىلىدۇ. سىز بۇ قىزغىن ‹‹سالام››لارنىڭ مەستخۇشلۇقىدا كۆككە بوي سوزغان جۈجەم(ئۈجمە) دەرەخلىرى قورشاۋىدىكى سەيناغا كېلىسىز – دە، كارىز سۈيىدە سۇغىرىلىپ پىشقان يەل – يېمىشلەردىن تېتىغاچ، ‹‹نازىركۇم›› قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىسىز. سىز ئەنە شۇنداق ھۇزۇرلۇق كەيپىياتتا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىڭىزنى بىر – بىرىگە باغلاپ ئويلانسىڭىز، بۇ مۇزېينىڭ مەلۇم مەنىدىن بىر ئابىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. دېمىسىمۇ، بۇ يەردە كارىزنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆچمەس ئابىدە تىكلەنگەن.

   مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە كارىز مەدەنىيىتىنى، كارىز بولمىغاندا تۇرپان بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ ‹‹ئابىدە›› قايىللىقىڭىزنى قوزغىغاندا، شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، كارىزشۇناس غوپۇر نۇرىدىنغا ئوخشاش ئالاقىدار كىشىلەردىن بەزى سوئاللارنى سوراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ چاغدا، سىز بۇ ‹‹ئابىدە››نىڭ ‹‹تىكلەنگەن››دىن بۇيان ئۈزلۈكسىزمۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنى؛ ھازىرغىچە مۇقىم مۈلۈك قىممىتىنىڭ 13 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىمنىڭ 10 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ‹‹ئابىدە›› ئىچى – سىرتىدا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار يايمىسى، ئائىلە مېھماندارچىلىقى نۇقتىسى ۋە مېھمان كۈتۈش  ئورنى تەسىس قىلىنىپ، 100 دىن ئارتۇق دېھقان پەرزەنتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلايسىز. شۇنىڭ بىلەن ھەم سەيلىگاھ، ھەم مۇزېي، ھەم ئابىدە تۈسىنى ئالغان بۇ بۈيۈك كارىز نامايەندىسىدىن ئۆزگىچە ئىپتىخار تۇيغۇسىغا چۆمۈپ قايتىسىز – دە، تولۇپ – تاشقان تەسىراتىڭىزنى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەر، ھەتتا، ۇشتەرىلىرىڭىزگە خۇددى مەندەك، زوق – شوخ بىلەن سۆزلەپ بېرىسىز... 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ