|

شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىكى دېڭىز ساھىلى سۇ ئۈزۈش مەيدانىدا ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر سۇ ئۈزۈش، قۇمغا كۆمۈلۈش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كۆڭۈل ئاچماقتا
يېقىندىن بۇيان، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىكى سۇ دائىرىسى كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، مەملىكەتتىكى ئون تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولغان — ئۈلۈڭگۈر كۆلىدە دېڭىز ساھىلى تۈسىگە ئىگە بولغان دېڭىز ساھىلى سۇ ئۈزۈش مەيدانى مەنزىرە رايونى ئېچىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ساياھەتچىلەر بۇ مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلىش، كېمە ھەيدەش، سۇ ئۈستىدە تېيىلىش، كاتېرغا ئولتۇرۇش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن. بۇ مەنزىرە رايونى ھەريىلى ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن پەسلىدە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشى بىلەن ‹‹ئالتۇن قىرغاق›› دەپ نام ئالغان بولۇپ، ھەريىلى تومۇز ئىسسىقتا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ يىل 27 – ئىيۇلدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئونمىڭغا يېقىن بولۇپ، ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
|