|

شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى ئورقۇ رايونىدا بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان پتېروزاۋر تاشقاتمىسى بايقالغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا ‹‹ جۇڭغار پتېروزاۋرى›› دەپ نام بېرىلگەن . پتېروزاۋر بولسا بۇنىڭدىن 90 مىليون يىلدىن 100 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان بىر خىل جانلىق بولۇپ ، بۇ قېتىمقى بايقاش جۇڭگودا تۇنجى قېتىم پتېروزاۋر تاشقاتمىسىنىڭ بايقىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
پتېروزاۋر بىر خىل ئۇچالايدىغان يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان بولۇپ ، ئۇچار قۇشلاردىن 70 مىليون يىل ئىلگىرى ئاسماندا پەرۋاز قىلغان ، يەر شارىدىكى تۇنجى ئۇچالايدىغان يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان . ئۇ دىنوزاۋر بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ياشىغان ھەم نەسلى قۇرىغان .
بۇ ناھايىتى چوڭ ئۇچالايدىغان ھەم يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان پتېروزاۋرنىڭ قانىتى (يېيىلغاندا) ئۈچ مېتىر كېلىدىكەن ، باش سۆڭىكى ئۇزۇن بولۇپ ، چوققىسىدا تاجىسىمان ئومۇرتقىسى بار . بۇ جانلىقلار كۆل بويى ۋە سۇ مەنبەلىرىگە يېقىن جايلاردا ياشىغان بولۇپ ، بېلىق ۋە قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلغان .
|