باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>سۈرەت كۆزنىكى>>ھوزۇرلىنىڭ
2008–يىلدىكى ئەڭ قىممەت 10 ئاپتوموبىل
2008- 07- 30 10:12 تەڭرىتاغ تورى

1. Pur Sang نىڭ يېڭى تىپتىكى بۇ ماشىنىسى ھازىر دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز ماشىنىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدە تىپتىكى ئاپتوموبىلدىن دۇنيادا پەقەت بەشىلا بار بولۇپ، باھاسى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

 

2.lamborghini–Reventon. بۇ ئاپتوموبىلدىن دۇنيادا پەقەت 20 سىلا بار بولۇپ ، 10ى ئامېرىكا بازىرىغا تەمىنلەنگەن. V12 ماتورى سەپلەنگەن بولۇپ ،  650 ئات كۈچىگە ئىگە . باھاسى 1 مىليون 400 مىڭ  ئامېرىكا دوللىرى.

 

3.Koenigsegg–CCX. خەلقئارا بازارغا چەكلىك سېلىنغان بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى ۋە قوغدىنىش سىستېمىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، باھاسى 695 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

 

4. SSC Ultimate Aero. نۆۋەتتە بۇ ئاپتوموبىل دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز ئاپتوموبىل دەپ ئېتراپ قىلىنغان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 411.76 كىلومېتىر/سائەتكە يېتىدۇ. باھاسى 675 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

 

5.Spyker. گوللاندىيىدە ئىشلەنگەن بۇ ئاپتوموبىل ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ماشىنىلارنىڭ بىرى بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 310كىلومېتىر/سائەتكە يېتىدۇ. باھاسى 650 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

 

6.Saleen S7 Twin Turbo. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى،سۈرئىتى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ، 0–100كىلومېتىرغىچە بولغان قوزغىلىشىغا پەقەت 2.8 سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ. باھاسى 589 مىڭ 950 ئامېرىكا دوللىرى.

 

7.Mercedes-Benz–SLR McLaren. بۇ ئاپتوموبىلغا Benzنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى شۇنداقلا McLarenنىڭ ئەڭ كۆركەم مۇسابىقە ئاپتوموبىلى كۆرۈنىشى سىڭدۈرۈلگەن، سائەتلىك سۈرئىتى 334 كىلومېتىر/سائەتكە يېتىدۇ. باھاسى 495 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

 

8.Maybach. دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ بىرى بولۇپ ، Daimler-Chryslerنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېڭى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.باھاسى 433 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

 

9.Chrysler.Chryslerنىڭ يېڭى تىپتىكى بۇ ئاپتوموبىلى دۇنيادىكى سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بۇ ھەشەمەتلىك ئۈستى ئېچىلىدىغان ئاپتوموبىل ھېسابلىنىدۇ. باھاسى 412 مىڭ  ئامېرىكا دوللىرى.

 

10.Brooklands. مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ۋە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئەڭ ياخشى بېرىكىشى بولۇپ، ئاپتوموبىل بوشلۇقى جەھەتتىمۇ كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. باھاسى330 مىڭ  ئامېرىكا دوللىرى.

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ