باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
تەڭرىتاغ سىستېمىسىدىكى مۇزلۇق سۇ بايلىقى
2008- 07- 29 17:54 تەڭرىتاغ تورى

      تەڭرىتاغ مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق مۇزلۇقلار جايلاشقان رايون ، مۇزلۇق كۆلىمى 9200 كۋادرات كىلومېتىر ، زاپىسى 1010 كۇب كىلومېتىردىن يۇقىرى بولۇپ، يىللىق ئېرىگەن سۇ بىلەن تولۇقلاش مىقدارى 9 مىليارد 545 مىليون كۇب مېتىرغا بارىدۇ. تەڭرىتاغ سىستېمىسىدا بىر قانچە مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى بار . ئەڭ چوڭ مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى جەنۇبىي تەڭرىتاغدىكى تۆمۈر چوققىسى ۋە خانتەڭرى چوققىسى رايونىغا جايلاشقان. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇقنىڭ ئاقسۇ دەرياسى تېرەڭ دەرياسى ، ئۆگەن دەرياسىنى ئېرىگەن سۇ بىلەن تولۇقلاش مىقدارى ھەر يىلى 5 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ؛ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئىلى ، تېكەس دەريالىرىنى يىللىق ئېرىگەن سۇ بىلەن تولۇقلاش مىقدارى 1 مىليارد 957 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ . تەڭرىتاغنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى شىمالىي تەڭرىتاغىڭ ئىرەنقابىرغا تېغىغا جايلاشقان ، ئۇنىڭ ئېتىكىدىكى مۇزلۇقلار قاش دەرياسى ، كۈنەس دەريالىرىنى يىلىغا 603 مىليون كۇب مېتىر ئېرىگەن سۇ بىلەن تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇق تاسىرقاي دەرياسى ، ماناس دەرياسى ، قورغاس دەرياسى ، بايانغول دەرياسى ، كۈيتۈن دەرياسى، چىگىشور دەريالىرىنى يىلىغا 1 مىليارد 71 مىليون 900 مىڭ كۇب مېتىر ئېرىگەن سۇ بىلەن تولۇقلايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە كىچىكرەك تۆت مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى بار بولۇپ ، ئۇلار ببگجىنتاۋ تېغى ، تىڭگىر تېغى ، بوغدا تاغلىرىنىڭ ئاساسىي چوققىلىرى ئەتراپىغا ۋە قارلىق تاغدىكى تۆمۈرتى چوققىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ