باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
مۇزلۇق سۇ بايلىقى
2008- 07- 29 17:46 تەڭرىتاغ تورى

     شىنجاڭنىڭ مۇزلۇق بايلىقى ئىنتايىن مول ، مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 22مىڭ 184.83كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەت مۇزلۇقلىرى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ%37.8 نى ئىگىلەيدۇ، مۇزلۇقلارنىڭ زاپىسى 2455.5513 كۇب كىلومېتىر بولۇپ، سۇغا سۇندۇرغاندا 1 تىرىليون 908 مىليارد 720 مىليون كۇب مېتىر سۇغا توغرا كېلىدۇ. مۇزلۇقلار ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ دەريا ئېقىنلىرىغا 17 مىليارد 179 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلاپ تۇرىدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ ئومۇمىي ئېقىم مىقدارىنىڭ %19.48 ىنى ئىگىلەيدۇ . مۇزلۇقلار ئاساسەن كوئىنلۇن تاغ سىستېمىسى ( قارا قۇرۇم تېغى ، كوئىنلۇن تېغى ، پامىر ئېگىزلىكى ۋە ئالتۇن تاغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە تەڭرىتاغ سىستېمىسىغا مەركەزلەشكەن . مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش جەھەتتىكى يىللار ئارا ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇپ ، دەريالارنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارىنى كۆپ يىللىق تەڭشەش رولىغا ئىگە ، بۇ ھال شىنجاڭنىڭ سۇغىرىشقا تايىنىدىغان دېھقانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشەنچلىك سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ