باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
دەريا سۈيى بايلىقى
2008- 07- 29 16:05 تەڭرىتاغ تورى

 

      شىنجاڭنىڭ دەريا سۈيى بايلىقىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارى يەنى دەريالارنىڭ ئومۇمىي سىرغىم مىقدارى 88 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ . سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ دەريالاردىن تۆۋەندىكىلەر بار : ئېرىتىش دەرياسى 11 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر ؛ ئۈلۈڭگۈر دەرياسى 1 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر ؛ ئىلى دەرياسى 16 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر ؛ ماناس دەرياسى 1 مىليارد 280 مىليون كۇب مېتىر ؛ يەكەن دەرياسى 6 مىليارد 460 مىليون كۇب مېتىر ؛ قىزىل دەرياسى 2 مىليارد 167 مىليون كۇب مېتىر ؛ گەز دەرياسى 1 مىليارد 132 مىليون كۇب مېتىر ؛ ئاقسۇ دەرياسى 2 مىليارد 230 مىليون كۇب مېتىر ؛ قارا شەھەر دەرياسى 3 مىليارد 304 مىليون كۇب مېتىر ؛ خوتەن دەرياسى 4 مىليارد 375 مىليون كۇب مېتىر . يۇقىرىقى 11 چوڭ دەريانىڭ سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى دەريا سۈيى بايلىقى مىقدارىنىڭ% 63.5 ىنى ئىگىلەيدۇ . باشقا 550 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريالارنىڭ سۇ بايلىقى مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭ دەريا سۈيى بايلىقى مىقدارىنىڭ %34.7 ىنى ئىگىلەيدۇ . چوڭ دەريالارنىڭ ئېقىم مىقدارى زور ، ئېقىش مۇساپىسى ئۇزۇن ، پەسىيىش پەرقى چوڭ ، ئۆز–ئۆزىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا ۋە تەكرار ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشكە قۇلايلىق . ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى بولۇپ ، ئېقىم مىقدارى ئاز ، ئېقىش مۇساپىسى قىسقا ، ئۇشتۇمتۇت كەلكۈن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ، ئۆز–ئۆزىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ ، ئېچىپ پايدىلىنىش قۇلايسىز . شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ ھەر يىلى دۆلەت سىرتىغا ۋە ئاپتونوم رايون سىرتىغا ئېقىپ چىقىپ كەتكەن 24 مىليارد 40 مىليون كۇب مېتىر سۈيىدىن باشقا ، نۆۋەتتە ھەر يىلى تەخمىنەن 42–40 مىليارد كۇب مېتىر دەريا سىرغىمى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق سۇغىرىش رايونلىرىغا باشلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ