باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
ئالتاي شەھىرىدە خاس ساياھەتچىلىك راۋاجلاندۇرۇلدى
2008- 07- 29 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

     ئالتاي شەھىرىدىكىلەر ‹‹دەم ئېلىش – سەيلە قىلىش  –  ئىستىراھەت شەھىرى›› بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ، قار – مۇز ، ئېكولوگىيە، مىللىي ئۆرپ – ئادەت، سەھرا ساياھىتى قاتارلىق خاس ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇردى . بۇ شەھەردىكىلەر بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 280 مىڭ ئادەم(قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ ، 100 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى.

   ئالتاي شەھىرىنىڭ ئەتراپى قاناس، ئۇلۇڭگۈر كۆلى، كۆكتوقاي گېئو باغچىسى قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ ئېسىل ساياھەت رايونلىرى بىلەن ئورالغان. بۇ شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك تارماقلىرى ئۆزلىرىدە بار ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساپ ھاۋا، سالقىن ياز، قار – مۇز دۇنياسى، قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەتنى نۇقتا قىلىپ دۆلەت ئىچى – سىرتىغا يۈزلەنگەن ساياھەت تىجارىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ساياھەتچىلىكىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇردى. ساياھەتچىلىك خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالتاي شەھىرى يېشىل شەھەر، سالقىن شەھەر، قار – مۇز شەھىرى، مەدەنىيەت شەھىرى قۇرۇشقا تىرىشتى. شەھەر مەمۇرىيىتى ئورۇنلىرى ئېرتىش دەرياسىدىكى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان دەريا سۈيى يالاپ شەكىللەندۈرگەن ئاجايىپ تاشلارغا تايىنىپ، ‹‹ئېرتىش تېشى›› نامىدىكى ئاجايىپ تاش مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. ‹‹قار – مۇز مەزگىلى ئۇزاق، قار سۈپىتى ياخشى بولۇش›› تەك قار – مۇز خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، سىرتتىن قار – مۇز تەنھەرىكىتىگە ھەۋەس قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆز شەھىرىدە قىشلىق تەنھەرىكەت كەيپىياتىنى يارىتىپ، قار – مۇز تېيىلىشنى مەكتەپلەرگىچە كېڭەيتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ