|
تۇرپان تۇيۇق غوجام مازىرى سەيلىگاھىدىكى بىر قىسىم مىڭئۆيلەر ۋە يوللارنىڭ كۆپ يەرلىرى خەتەرلىك بولۇپ قالغاچقا ، 18–ئىيۇلدىن باشلاپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى .
ئىگىلىنىشچە ، بۇ يەردىكى تاشكىمىرلەر 1500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭ تاملىرىدا بۇددا دىنىغا دائىر تام رەسىملىرى بار ئىكەن . ئۇ يەر خېلى يۇقىرى تارىخىي ، سەنئەت ۋە پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ، بۇ جاي 2006–يىلى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلىپ ، 2007–يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹يىپەك يولى››دىكى دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىنىدىغان يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .
بۇ مىڭئۆيلەر 2004–يىلى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ، كۆپ قېتىم گېئولوگىيىلىك ھادىسىلەر كۆرۈلگەن ، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن .
|