باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
جانلىنىۋاتقان شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى
2008- 07- 25 09:54 شىنجاڭ گېزىتى

گۈلئارە سىراجىدىن

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرى بايراملىق ۋە ئادەتتىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شەھەر ئىچى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› ئارامگاھلىرىدا، مەنزىرىلىك  جايلاردا ئارام ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش  بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەتكە قىزىقىدىغان بولدى. ئىلگىرىكى نوقۇل ھالدىكى يۇرت ئاتلاپ ساياھەت قىلىشتىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل جايلاردا ئۇرۇق –  تۇغقان، ئەل – ئاغىنىلەر جەم بولۇپ ساياھەت قىلىش ‹‹مودا››غا ئايلاندى. مانا بۇ شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ئەلۋەتتە. شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىش مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا ساياھەتچىلىكتىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

   شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش رىتىمىغا ماس كېلىدىغانلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە، تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزىرىمىزنى  ئاغدۇرايلى: بۇ يىل مايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى باغچىلار 400مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، ۋۇچياچۈيدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹كۈركۈم گۈلى›› بايرىمىمۇ 50 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى چوڭ شەھەرلەردىلا گەۋدىلىك بولۇپ قالماي، كىچىك شەھەر، ھەتتا بەزى ناھىيىلەرنىڭ سۈيى ئەلۋەك، تەبىئىي مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپ، تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى بار يېزا –  بازارلىرىدا، شەھەر ئەتراپىدىكى ‹‹دېھقانلار شادلىقى››ئارامگاھلىرىدىمۇ ساياھەتچىلىك خېلى جانلانغان. مەسىلەن، بۇ يىل ماي بايرىمىدا ئۈرۈمچى ناھىيىسىدىكى 260 تىن ئارتۇق ‹‹دېھقانلار شادلىقى››ئارامگاھىدا ‹‹مېھمان›› بولغانلارنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئاشقان. مانا بۇنىڭدىن شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۇنداقتا شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى نېمىشقا ساياھەتچىلەرنى شۇنچە جەلپ قىلالايدۇ؟ چوڭ شەھەرلەردە ئادەم كۆپ، تۇرمۇش رىتىمى ناھايىتى تېز، كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۆڭۈلدىكىدەك ئارام ئېلىشنى ئويلايدۇ. ئەمما خىزمەت، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، تۇرمۇشتىكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىراققا  بېرىپ ساياھەت قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ‹‹ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى››لىرى قىسقارتىۋېتىلدى. بۇمۇ شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى، كىرىمىنىڭ ئېشىشىمۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چېنىقىش ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت ئارقىلىق  ئارام ئېلىش، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشىگە ئىمكانىيەت بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن يەنە شەھەرلەردىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەر ۋە يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلەر مۇكەممەللىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن ياخشى سورۇن ھازىرلاندى.

    شەھەر ئىستىراھەت ساياھىتىنىڭ تۈرلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، ساياھەتچىلەر  تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئومۇملاشقان باغچىلاردا سەيلە – ساياھەت قىلغاندىن باشقا، تىياتىرخانىلاردا مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش، مۇزېي، ھەر قايسى كۆرگەزمىخانىلاردا رەسىم، ھۆسن خەت كۆرگەزمىسى، فوتو –  سۈرەت كۆرگەزمىلىرىنى كۆرۈشتەك مەدەنىي، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئارام ئالسىمۇ ۋە ياكى مېھانسارايلاردا، ئارامگاھلاردا، گولف توپ مەيدانى، ئارىشاڭ قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسىلىرى تولۇق بولغان ئالىي ساياھەت ئورۇنلىرىدا كۆڭۈل ئاچسىمۇ بولىدىغان بولدى.

    بىز بايراملىق دەم ئېلىش، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشلاردا ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشى، خىزمەتداشلار يىغىلىشلىرىنى ۋە ھازىر مودا بولۇۋاتقان خىلمۇ خىل ‹‹چاي››لارنى نوقۇل مەنزىرىلىك جايلاردىلا ئۆتكۈزمەستىن، بەلكى، چايخانا، باراڭلىق ھويلىلار، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك باغلاردا ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مەن نەنسەن (جەنۇبىي تاغ) ساياھەت رايونىغا زىيارەتكە چىققىنىمدا، شىنجاڭ پەن –  تېخنىكا نەشرىياتىدىكى گۈلنۇر خانىم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ساۋاقداشلار يېغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى. مەن ساۋاقداشلىرىمغا نەنسەنگە بېرىپ ئويناش تەكلىپىنى بەرسەم، ئۇلار خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، تاللىشىمىزنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇ يەردىكى شاۋقۇن  – سۈرەندىن خالىي ساپ ھاۋا مۇھىتىدا ئۆزىمىزنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ئازادە ھېس قىلدۇق. بىز قىشتىمۇ ئائىلە بويىچە بۇ يەرگە كېلىپ قاردا تېيىلىپ ئويناپ كەتكەنىدۇق. مېنىڭچە، بىز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمىزنى پەقەت رېستوران، مەيخانىغىلا قارىتىۋالماي، تەبىئەت بىزگە ئاتا قىلغان گۈزەللىك ئالىمىدىن بەھر ئېلىشىمىز كېرەككەن...

     دېمەك، تۇرمۇشىمىزغا بارغانسېرى سىڭىپ كىرىۋاتقان شەھەر ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى جانلىق، كۆپ خىل شەكىللىرى ئارقىلىق  شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى  قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ  دەم ئېلىش، بايرام كۈنلىرىدىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنىمۇ زور دەرىجىدە بېيىتماقتا.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ