|
زۇلپىيە ئابدۇۋەلى
مەملىكىتىمىزدىكى ئون چوڭ قۇملۇقنىڭ ئۈچى ئاپتونوم رايونىمىزدا بولۇپ، بۇ قۇملۇقلار ئىچىدە تەكلىماكان قۇملۇقى مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ قۇملۇق، دۇنيا بويىچىمۇ ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. مەملىكىتىمىز بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدىغان قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى بىلەن توققۇزىنچى چوڭ قۇملۇق بولغان قۇمتاغ قۇملۇقى ۋە تەكلىماكان مەملىكىتىمىزدىكى قۇملۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %54 ىنى ئىگىلەيدۇ.
گەرچە ئاپتونوم رايونىمىز ئەنە شۇنداق مول قۇملۇق بايلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، پەقەت تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قۇملۇقلار بىلەن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە جايلاشقان بىر قىسىم ناھىيىلەر ئۆز تەۋەسىدىكى قۇملۇقلاردا ساياھەت ئورنى بەرپا قىلغاندىن سىرت، باشقا جايلار ئۆز زېمىنىدىكى قۇملۇقلارنى تىزگىنلەش، مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىش، بولۇپمۇ قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمىدى.
ماتېرىياللاردىن بىلىشىمچە، شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغانلارنىڭ كۆز ئالدىغا تەبىئىي ھالدا قۇملۇق، يايلاق، ئاندا – ساندا يېشىلزارلىق كېلىدىكەن. مانا بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇملۇق بايلىقىنىڭ موللۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇملۇق بويلىرىغا جايلاشقان ناھىيىلەردىكىلەر سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسىلا قۇملۇق بويلىرىغا كۆچەت تىكىپ، بوستانلىق بەرپا قىلىپ، قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرسا، بۇ ئارقىلىق ئاممىغا قۇمنى تىزگىنلەپ، مۇھىتنى ئاسراشنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرسە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت تۈرى كۆپ خىللىشىش بىلەن بىللە، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆپىيىپ، ئىقتىساد ئاشقان، چۆللىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولاتتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغىمۇ زور پايدىسى بولغان بولاتتى. يېقىندا بىر ماتېرىيالدىن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدىكى بىر مۇتەخەسسىسنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى توغرىسىدا توختىلىپ: ‹‹تەكلىماكان قۇملۇقى <ھالاكەت دېڭىزى> بولماستىن، ئۇنىڭ ئىچكىرىسىدە ئاندا – ساندا يېشىلزارلىقنىڭ بايقىلىشى، بۇ قۇملۇقنىڭ ئاستىدا مول سۇ مەنبەسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر ئاشۇ سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ، قۇملۇق تىزگىنلەنسە، شۇ سۇ قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولاتتى›› دېگەن بايانىنى كۆرۈپ قالدىم.
ئىگىلىشىمچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەر يىلى دېگۈدەك كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، بىراق، بىر قىسىم ئورۇنلار ئەپلەپ – سەپلەپ ۋەزىپىنى تاماملاشقا ئالدىرايدىكەن. ھەتتا بىر قىسىم ئورۇنلار سىرتتىن ئىشلەمچى تەكلىپ قىلىپ كۆچەت تىكتۈرىدىكەن. بۇنداق تىكىلگەن كۆچەتلەرنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش، ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكتىن، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.
تۇرپان ‹‹توڭيى ساياھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى››نىڭ باش دېرىكتورى ما شىنتاۋ ئىلگىرى قۇمتاغ قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنى ئېچىشقا مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنىڭ ۋاقىتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، دالا سەيلىسى ۋە باشقا ساياھەتچىلىككە ئوخشىمايدىكەن. پەقەت ھەر يىلى ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى ئايلاردىلا كۆچەت تىكىشكە بولىدىكەن ھەمدە ساياھەتچىلەر مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلغىلىمۇ بولمايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ساندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىشىدىكى ئارىلىق مەسىلىسى تۈپەيلى، قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنى ئېچىش تەس ئىكەن.
ھالبۇكى، يەنە بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ ئەپەندىنىڭ قارىشى باشقىچە ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ۋاقىتنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى بىلەن ئارىلىقنىڭ يېقىن – يىراق بولۇشى مۇھىم ئەمەس، بەلكى تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرنىڭ قاراتمىلىققا ئىگە بولۇشى تولىمۇ مۇھىم ئىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت بايلىقى مۇتەخەسسىسى ياڭ چىڭنىڭ قارىشىچە، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى قۇملۇقنى تىزگىنلەش جەريانىغا ئوخشىمايدىكەن. قۇمنى تىزگىنلەش ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىدىكەن.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ تەتقىقات ئورنى قۇرغان ‹‹قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى››نىڭ قۇمنى تىزگىنلەش پائالىيىتى ئىنتايىن زور ئۈنۈمگە ئىرىشىپتۇ.
2002 – يىلى بۇ باغچا بىلەن ياپونىيىدىكى بىر شىركەت ئون يىللىق كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ياپونىيە تەرەپ ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ كۆچەت تىكتۈرىدىكەن. بۇ پائالىيەت ئوخشاشلا كورىيىلىك ساياھەتچىلەرنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغاپتۇ.
بۈگۈنگە قەدەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ باغچىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر 100 مىڭ ئادەم ( قېتىم)دىن ئېشىۋېتىپتۇ، باغچىنىڭ كۆلىمى 270 گېكتار بولۇپ، باغچا ئىچىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ تۈرى 500 خىلدىن ئاشىدىكەن، شۇنداقلا ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ئېكولوگىيە ئۆسۈملۈك باغچىسى ئىكەن...
مېنىڭچە، جايلار تۇرپاندىكى قۇملۇق ئېكولوگىيە ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز تەۋەسىدىكى قۇملۇقلاردا ئاممىنى ئائىلە كۆچىتى، دوستلۇق كۆچىتى، خاتىرە كۆچىتى تىكىشكە سەپەرۋەر قىلىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق، خەلقنىڭ كۆچەت تىكىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش شۇنداقلا تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىش...تەك ئەمەلىي خىزمەتنى جانلىق ئىشلىسە، خەلقنىڭ كۆچەت تىكىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى قۇملۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، شۇ ۋادىلارنىڭ بوستانلىققا ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.
|