باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
قاناس دۆلەت گېئو باغچىسى ئېچىلدى
2008- 07- 21 10:42 شىنجاڭ گېزىتى

   گېئو خارابە، تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى بىر گەۋدە قىلىنغان قاناس دۆلەت گېئو باغچىسى 13 – ئىيۇل رەسمىي ئېچىلدى. قاناس دۆلەت گېئو باغچىسى ‹‹مۇزلۇق گېئو خارابە›› ۋە ‹‹گېئو تۈزۈلۈش ھەرىكىتى››نىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياۋى گېئو باغچىسى بولۇشقا ئىلتىماس سۇنماقچى.

  2004 – يىلى 1 – ئايدا زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان قاناس دۆلەت گېئو باغچىسىغا جەمئىي 46 مىليون 16 مىڭ 300 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، باغچىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 875 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قاناس كۆلى ۋەكىللىكىدىكى ئېگىز تاغ مۇزلۇق كۆلى ۋە ئاي كۆل قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى قاناس دەرياسىنىڭ مەنزىرە بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   قاناس كونا كەنتىدىكى ئىپتىدائىي گۈلخان كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش ئۆرپ – ئادەت باغچىسى ئورنىغا جايلاشقان قاناس دۆلەت گېئو باغچىسى مۇزېيىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى 30 – ئىيۇن تاماملىنىپ، ھازىر ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاناس دۆلەت گېئو باغچىسى قاناس گېئو خارابىسىنى قوغداش، قاناسنىڭ ساياھەت بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىشتىكى مۇھىم كوزىر بولۇپ، قاناس ساياھەتچىلىكىگە چوڭقۇر گېئولوگىيىلىك، فىلولوگىيىلىك مەزمۇن قوشىدۇ. گېئو باغچىنىڭ ئېچىلىشى قاناس گېئو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ