باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كىڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىېى– ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا پىشاڭ بولدى
2008- 07- 18 15:21 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

        1998– يىلدىن بۇرۇن ، ئونسۇ ناھىيىسىدە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بارغۇدەك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى يوق دىيەرلىك ئىدى . 1999– يىلى ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قايتا – قايتا تەكلىپ بېرىشى بىلەن قىرمىش ئاتام مازىرى ئۆزىنىڭ يېڭىچە قىياپىتى بىلەن سىرتقا رەسمى ئېچىۋىتىلدى ، يىللىق كۈتىۋىلىنغان ساياھەتچى 12 مىڭ ئادەمدىن 80 مىڭ ئادەمگە ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم ئىلگىرىكى 30 مىڭ يۈەندىن ھازىرقى 5 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئونسۇ ناھىيىسى ، ئاقسۇ شەھىرىگە يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئونسۇ بازىرى ، توخۇلا يىزىسىدا دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى ئاساس قىلىپ ، سىرتتىن مەبلەغ جەلپ قىلىش يولى بىلەن ، غەربكە ساياھەت باغچىسى ، گۈرۈچ ماكانى ئارامگاھى ، يىشىنيۈەن ئارامگاھى ، موڭغۇل بارگاھى قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ، كۆپ ئىقتىدارلىق دىھقانلار شادلىقى ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇپ ، سانى 66 گە ، يىللىق كۈتىۋىلىنغان ساياھەتچى مىقدارى 200 مىڭغا يىتىپ ، يىللىق كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى .  ناھىيە بۇ يىل يەنە بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ئونسۇ جىلغىسى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى — ئەشمە بۇلاقنى مەركەز قىلغان مىللى ئۆرپ– ئادەت ساياھەت نۇقتىسىنى قۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلىپ ، ئونسۇنى ساياھەت ئارقىلىق سىرتقا تونۇتۇش ئۈچۈن پائال ئىزدەنمەكتە .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ