باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
بۇ يىل قۇمۇلغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى
2008- 07- 14 15:11 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋاھىت ئىسھاق خەۋىرى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكى جانلىنىپ ، قۇمۇلغا ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى. ئىگىلىنىشچە ، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلىدىن ، بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىك كەسپى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ، لېكىن 6 – ئايغىچە  قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 339 مىڭ 100ئادەم قېتىمغا ، ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىم 103 مىليون 680 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكدىن %21.86 ۋە %20.49 ئاشقان .

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇمۇل ۋىلايىتى ساياھەتچىلىك كەسپىگە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ، ئۆزىنىڭ مول تەبئىي گۈزەل مەنزىرە ساياھەت نۇقتىلىرى ، مول تارىخى ساياھەت بايلىقلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . بولۇپمۇ سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە بولغان قۇمۇل قوغۇن باغچىسى ساياھەت ئورنى ، قۇمۇل ۋاڭلىرى ئوردىسىنىڭ 2–قارارلىق قۇرۇلۇشى ، ئاراتۈرۈك سۇ ئۈستى باغچىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ پۇتكۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن ساياھەتچىلىكتە داڭلىق ماركا يارىتىشقا ئاساس سېلىنىپ ، ساياھەت بايلىقى يەنىمۇ موللاشتۇرۇلدى . بارىكۆل ناھىيىسىدىكى قارا غول قەدىمىي قەبرىستانلىقىنىڭ دۆلەتلىك 2007–يىللىق ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى 10 چوڭ بايقاشنىڭ بىرى بولۇشى قۇمۇل ساياھەتچىلىكىگە يېڭى ھۆسىن قوشتى.

      قۇمۇل ۋىلايىتى بۇ يىل يەنە ئاقتاش مەنزىرە ساياھەت رايونى بىلەن بارىكۆل ناھىيىسىدىكى قارا غول قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى ۋە ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىكى توغراقلىق ئېكولوگىيە باغچىسىنى دۆلەتلىك 4A دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتتى. قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە قۇمۇل شەھىرى 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى ۋە ئۈرۈمچى ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار تەشۋىقات ژۇرناللىرى ۋە كۆزنەك ئورۇنلىرىدا قۇمۇل ساياھەتچىلىكىنى مەخسۇس تەشۋىق قىلدى . بۇنىڭ بىلەن قۇمۇلنىڭ ساياھەتچىلىكى ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ ، ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ ، ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ