|

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شايار ناھىيىسىنىڭ تەبىئىي توغراقلىق ئېكولوگىيىلىك مەنزىرە ساياھىتى، يېزا- قىشلاق ساياھىتى ۋە مىللىي ئۆرب- ئادەت ساياھىتىنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە ساياھەتچىلىك كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 69 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 25 مىليون 73 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم ھالدا %114 ۋە % 91.2 ئېشىپ، تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شايار ناھىيىسى ساياھەتچىلىك مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، سىرىتتىن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە يەرلىكتىكى كىشىلەرنى ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى. ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىگە 2 مىليون 133 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ، مېھمانسارايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، مۇھىتىنى ياخشىلاپ ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ گۈزەللىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلار ساياھەت قىلىشتا چوڭ بايراملار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ سىرتلارغا چىقىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان بولدى. بولۇپمۇ ئائىلە يىغىلىشى، كوللىكتىپ كۆڭۈل ئېچىشلار مودىغا ئايلىنىپ، تەبىئىي توغراقلىق ئېكولوگىيە ساياھىتى، تارىم دەرياسى مەنزىرىسى ساياھىتى، قۇملۇق مەنزىرىسى ساياھىتى، مىللىي ئۆرب- ئادەت ساياھىتىنى باشقىچىلا جانلاندۇرىۋەتتى. پەقەت مەنزىرە ساياھىتىدىنلا بىۋاستە قىلىنغان ساياھەت كىرىمى 5 مىليون 117 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %93 ئاشتى.
|