باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
كەلپىن كۆرۈنۈشلىرى
2008- 07- 08 16:09 شىنجاڭ گېزىتى

 مۇقەددىمە

    ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە نامرات ئورۇن ھېسابلىنىدىغان كەلپىن ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان غەربىي رايونلارنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىدىن  پايدىلىنىپ، ئىسلاھات ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا پۇختا ئىلگىرىلىدى. بۇ جەھەتتىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۆزگىرىشلەر بىزدە كەلپىنگە كېلىپ كۆرۈپ كېتىش، كەلپىن كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتلەپ بېقىش ئىستىكى پەيدا قىلدى.

بىرىنچى كۆرۈنۈش: كەلپىننىڭ يوللىرى

   ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ –  قەشقەر تاشيولى بۆلىكىدە چىققان قارا بوران بىزنىڭ كەلپىن سەپىرىمىزنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى. قۇمقۇدۇق  (ئاچال تەۋەسىدە بوران تېخىمۇ ئەدەپ، ئاسماننى قويۇق چاڭ –  توزان قاپلىدى. بەزى يول بۆلەكلىرىدە كۆرۈش ئارىلىقى 40 – 50 مېتىرغا چۈشۈپ قالغاچقا، شوپۇر پىكاپنى بىر نەچچە يەردە توختىتىشقا  مەجبۇر بولدى. ‹‹يولنىڭ ھالى ھېلىتىن مۇشۇنداق تۇرسا، كەلپىنگە بارغىچە كۆرىدىغىنىمىز بار ئوخشايدۇ تېخى›› دەپ ئويلىدۇق، ئىچىمىزدە. لېكىن ئاچال چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، كەلپىن ناھىيە  بازىرىغا بۇرۇلۇپ غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىگەنسېرى ئەھۋال  ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولدى. مازار ئېقىن كۆۋرۈكىدىن ناھىيە بازىرىغىچە  بولغان ئون نەچچە كىلومېتىر ئاسفالت يولنىڭ ئىككى تەرىپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ، توپا – چاڭدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى . پىكاپ دېرىزىسىدىن كىرگەن جىگدە چېچەكلىرىنىڭ خۇشپۇراق ھىدى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. كەلپىن ناھىيىسىدىكى ‹‹ئومۇمىي خەلقنىڭ مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش بازىسى›› بولغان بۇ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ناھىيە بازىرىغىچە ئۇلىشىپ، يەنە بىر نەچچە تارماق لىنىيىگە بۆلۈنگەنىدى. تەرەپ –  تەرەپكە تۇتاشقان يوللار، ئۇياق – بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللار، يېشىللىققا پۈركەنگەن ئاسفالت يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان رەت –  رەت بىنالار... بىز بۇلارنى كۆرۈپ، ئىلگىرى بۇ يۇرت ھەققىدە توقۇلغان ‹‹كەلپىندە بار بىرلا يول، يەتتە چىراغ، بىر لابانى ئاڭلايدۇ ھەممە ياق.  تورمۇزلانمىسا ماشىنا تېز، بازاردىن ئۇزاپ كېتىدۇ يىراق ›› دېگەن  قوشاقنىڭ ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. شۇنداق، كەلپىن ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يول قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى قاتارىدا تۇتتى. 2003 –  يىلىدىن باشلاپ يول قۇرۇلۇشىغا 16 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە، يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي قاتناش مۇساپىسىنى 250 كىلومېتىرغا ئۇزارتتى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا،كەنت تاشيول مۇساپىسى 162 كىلومېتىرغا، ئاسفالت يولنىڭ كەنتلەرگە  تۇتۇشۇش نىسبىتى %55 كە، ئاممىۋى  ئاپتوبۇس – مىنىبۇسلارنىڭ كەنتلەرگە قاتناش نىسبىتى %45 كە، يېڭىدىن كېڭەيتىلىپ ياسالغان شەھەر – بازار يولى ئالتە كىلومېتىرغا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9.5 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلدى. ناھىيە بازىرىدا بوستان يولى، باغچا يولى، پىيادىلەر يولى، ئارام ئېلىش يولى قاتارلىق شەھەر يولى تورى شەكىللەندۈرۈلدى. يول بويلىرىغا كوچا چىرىغى ئورنىتىلدى.

ئىككىنچى كۆرۈنۈش: يېڭى تۈسكە كىرگەن كەلپىن بازىرى

    بىز كەلپىنگە كېلىپ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە سېلىنغان كەلپىن –  جىڭجۇ  پەن –  تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزىي بىناسىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇق. ياتاقلار ئازادە –  يورۇق، سۇ، توك، پار، يۇيۇنۇش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇپ، مەركىزىي شەھەرلەردىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلاردىن قېلىشمايتتى. بىنانىڭ ئالدىدىكى كەڭ مەيداننىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنى بىلەن پىيادىلەر يولىدىن باشقا جايلىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇغىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق چىملىققا ئايلاندۇرۇلغانىدى. بىز كەچلىك تاماقتىن كېيىن، پەن –  تېخنىكا  تەربىيىلەش مەركىزىي بىناسىنىڭ ئالدىدا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى بىلەن ناھىيىگە قاراشلىق ئىدارە –  ئورگان، مەكتەپلەر تەييارلىغان سەنئەت  نومۇرلىرىنى كۆردۇق. ھەپتىدە بىر قېتىم ھەقسىز قويۇلىدىغان بۇ ئويۇننى كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار ئىچىدە، يېقىن ئەتراپتىكى يېزا، كەنتلەردىن كەلگەن دېھقان – چارۋىچىلارمۇ كۆپ بولۇپ، تەقى – تۇرقى شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيتتى، نامراتلىق ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. كەلپىنگە كېلىپ 2 – كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن بىز ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇجاپپار ھامىدىننىڭ  ھەمراھلىقىدا كەلپىننىڭ باغچا، كوچا، بازارلىرىنى  ئارىلىدۇق.

   باغچا ئىچىدىكى پىيادىلەر يولىغا ‹‹مۇھىت ئاسراش ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى›› دېگەن خەت يېزىلغان چوڭ يۇمىلاق بېتون خىش رەتلىك تىزىلغان، يول بويلىرىغا يېڭى تىكىلگەن  كۆچەتلەرگە شۇ كۆچەتنى ئاسراشقا مەسئۇل ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسىم كارتۇشكىسى ئېسىلغانىدى. باغچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرنەچچە سۈنئىي تاغمۇ قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، بۇ مەنزىرىلەردىن كەلپىن خەلقىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ناھىيە مەركىزىدىكى ئىدارە –  ئورگان، مەكتەپ، سودا دۇكانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئاساسەن يېڭىلانغان، ئىلگىرىكى پاكار كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى تۆت –  بەش قەۋەتلىك بىنالار ئىگىلىگەنىدى. تارقاق، كۆرۈمسىز ھالەتتىكى  مەھەللىلەرمۇ يەتتە ئورۇندىكى باغچىلاشقان يېڭى تۇرالغۇ رايونغا مەركەزلەشتۈرۈلگەنىدى. نۆۋەتتە كەلپىن ناھىيە بازىرىدىكى  ئىدارە  –  ئورگانلارنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان خىزمەت بىناسى 17 كورپۇسقا،  قۇرۇلۇش كۆلىمى 16 مىڭ كۋادرات مېتىرغا، ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى 18 كورپۇس، 521 يۈرۈشكە يەتتى. شەھەر – بازار ئاھالىلىرىگە توغرا  كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى 2002 – يىلىدىكى 13.5 كۋادىرات مېتىردىن 21.6 كۋادىرات مېتىرغا كېڭەيدى . يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە،كەلپىن ناھىيىسىنىڭ شەھەر –  بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغى جەمئىي 8 مىليون 770 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى نەچچە  ئون يىلنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، يۇندى چىقىرىش قۇرۇلۇشلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلدى، ئسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەش كۆلىمى 160 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈلدى. ‹‹كىچىك بولسىمۇ ئۆزگىچە بولۇش، كىچىك بولسىمۇ گۈزەل بولۇش، كىچىك بولسىمۇ جەلپكار بولۇش›› كەلپىن ناھىيە بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرمەزگىللىك تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىندى. ئۇلار مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ‹‹يېشىللىق ئوتتۇرىسىدا بىنا، بىنا ئوتتۇرىسىدا يېشىللىق بولۇش›› ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ناھىيە بازىرىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدى. بۇيىل 5 –  ئايغىچە ناھىيە بازىرىنىڭ يېشىللىق كۆلىمىنى 62.67 گېكتارغا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمىنى 23.9 كۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى. 6355 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى ئورنىتىپ، ناھىيە مەركىزىدە 1000 مودىن ئاشىدىغان ‹‹يېشىللىق مەيدان››، 860 نەچچە مو چىملىق بەرپا قىلىندى.

ئۈچىنچى كۆرۈنۈش: كەلپىننىڭ تەرەققىيات ھالىتى

   كەلپىن ھەممىگە تونۇشلۇق نامرات ناھىيە. مەركەز، ئاپتونوم رايون كەلپىننى نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا  كەلپىن سۇغىرىش رايونىدىكى زور بىر تۈركۈم ئاھالىلەرنى چىلان  يېزىسىغا كۆچۈرۈپ ماكانلاشتۇردى. ئاقسۇ ‹‹غالىبىيەت›› ئۆستىڭىدىن چىلان يېزىسىغا سۇ باشلاپ، 50 مىڭ مو ئەتراپىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ناھىيە بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ۋە ئېقىن سۇ مىقدارىنى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيتىپ، ‹‹يېڭى بىركەلپىن بەرپا قىلىش›› نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىدە، تەرەققىيات كۆلىمىدە، تەرەققىيات ئۈنۈمىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. 2007 –  يىلى ناھىيە بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 274 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2002 – يىلىدىكىدىن 2.2 ھەسسە كۆپىيىپ، يىلىغا %17 تىن ئاشتى. ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى يىلىغا %23.2 تىن ئېشىپ، بەش يىلدا 2.8 ھەسسە  كۆپەيدى. يەرلىك مالىيە كىرىمى 6 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2002 – يىلىدىكىدىن 2.6 ھەسسە  كۆپىيىپ، يىلىغا %20.7 تىن ئاشتى. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2272 يۈەنگە يېتىپ، 2002 –  يىلىدىكىدىن %72 كۆپەيدى. بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 372 كىلوگرامغا، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئاشلىق 386 كىلوگرامغا يەتتى. ساپ پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 117 كىلوگرامغا، ئومۇمىي ھوسۇلى 8874 توننىغا يېتىپ، بەش يىلدا بىرلىك ھوسۇل %19 ، ئومۇمىي ھوسۇل 15.7 ھەسسە كۆپەيدى. چارۋىچىلىق، باغ –  ئورمانچىلىق، يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشتى. تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان كۆلەم 8200 موغا، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى ئازكەم %80 كە يەتتى. 2005 – يىلىدىن بۇيان ناھىيە بويىچە 6701 ئائىلىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىلدى. 2447 ئائىلىگە پاتقاق گازى كۆلچىكى ياساپ بېرىلدى. توققۇز ئۈلگىلىك كەنت نۇقتىسى ئارقىلىق ناھىيە بويىچە 33 مەمۇرىي كەنتنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. نامراتلارغا يار –  يۆلەك بولۇشتا يولغا قويۇلغان ئومۇمىي تۈر 164 كە، سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 76 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2599 نامرات ئائىلە، 12 مىڭدىن كۆپرەك تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنىڭ تويۇنۇش – كىيىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئىقتىسادىي ئاساسى  مۇستەھكەملەندى. 722 ئائىلە، 3978 نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. پەن –  تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە ۋە باشقا تۈرلۈك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى.

 خاتىمە ئورنىدا

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەلپىننىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېز بولدى. شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ روھىيىتى يېڭىلاندى. ئىشەنمىسىڭىز سىزمۇ كەلپىنگە كېلىپ كۆرۈپ كېتىڭ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ