|

بۈگۈن (8 – ئىيۇل) سەھەردە ، شىنجاڭ قاناس كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايدىغان ‹‹ نۇر ھالقا›› ھادىسىسى كۆرۈلگەن . بۇ يەردە ساياھەت قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرگەن .
شۇ كۈنى شىنجاڭ قاناس كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ ، ئادەتتە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئاجايىپ مەنزىرە ‹‹نۇر ھالقىسى›› پەيدا بولغان . كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئەتىگەندە قاناس كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئىنتايىن چىرايلىق ھەسەن – ھۈسەن نۇر ھالقىسى پەيدا بولغان ، پەيدا بولغان نۇرنىڭ دىئامېترى تەخمىنەن10 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، ئىنتايىن كۆركەم ئىكەن . بۇ نۇر ھالقىسى پەيدا بولۇپ ، 10 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئاستا – ئاستا غايىپ بولغان .
قاناس كۆلى مەنزىرە رايونى شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، شىمالدا قازاقىستان ، روسىيە ، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ . قاناس كۆلىدىكى سىرلىق كۆل مەخلۇقى ، ياغاچ توسما ، كۆل ئاستىدىكى ئورمان ۋە سىرلىق نۇر ھالقا قاناس مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ مەشھۇر‹‹تۆت چوڭ ئاجايىپ مەنزىرە››ھېسابلىنىدۇ .
|