|
مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ساياھەتچى 13 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن تۇرپاندىكى كارىز سەيلىگاھىنى سەيلە قىلىپ، كارىزنىڭ 2000 يىللىق تارىخى بىلەن تونۇشتى. بۇنىڭدىن تۇرپان ساياھەتچىلىكىدە ‹‹قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش›› ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
تۇرپان ۋىلايىتىدە قەدىمكى ئىز ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 206سى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كارىز، يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، سۇلايمان ۋاڭ(غوجا) مۇنارى، بېزەكلىك مىڭئۆيى، ئاستانە قەبرىستانلىقى قاتارلىق توققۇز ئورۇن دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان، يارغول مىڭئۆيى، يارغولنىڭ غەربىي ئېگىزلىكىدىكى كونا تاشقوراللار ئىزى قاتارلىق 29 ئورۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن. ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ‹‹ئىس – تۈتەكسىز سانائەت›› ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشتا دەل مۇشۇ قەدىمكى ئىز ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش››نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىمكى ئىز ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئاسراش، رېمونت قىلىش، كۆكەرتىش قاتارلىقلارغا ئايانماي مەبلەغ سالدى. بۇلتۇر ساياھەتچىلىك بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەدىمكى ئىز ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەركەز قىلىنغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى بىر بېلەت بىلەن ساياھەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئورۇنلارنىڭ جەلپكارلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆكسىمىدى. بۇلتۇر بۇ ۋىلايەتتە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 4 مىليون 60 مىڭ ئادەم(قېتىم)غا، قەدىمكى ئىز ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەركەز قىلىنغان ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ كىرىمى 92 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2006 – يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىدەك ئاشتى.
|