باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
ئون چوڭ ساياھەت ئورنى ھەققىدە ئۇچۇرلار
2008- 07- 03 10:33 شىنجاڭ گېزىتى

   سەنيا: سەنيادىكى دادوڭخەي ۋە يالوڭۋەن قاتارلىق داڭلىق سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرىغا مۇكەممەل قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان، ئەمما سەنيادىكى يېخەي رايونى بىر قەدەر خىلۋەت. ناۋادا بۇ يەردە جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال قۇتقۇزۇش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا بۇ جايغا ساياھەتكە بارغىنىڭىزدا سۇغا چۆمۈلمەكچى بولسىڭىز، سۇ ئۈزۈش تېخنىكىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكىگە قاراپ ئىش كۆرۈڭ.

   خەيكۇ: خەيكۇغا ساياھەتكە بارغاندا ئەڭ ياخشىسى سومكىڭىزنى  ئالدىڭىزغا ئېسىپ يۈرۈڭ. خەيكۇنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق بولغاچقا،  تەبىئىيكى يېلىڭ كىيىنىسىز. نەتىجىدە ھەميان، فوتو ئاپپاراتلىرىڭىز ئاسانلا ئوغرىلارنىڭ ‹‹ئوۋ›› نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. 

   كۇنمىڭ: كۇنمىڭنىڭ شىلىن مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلغاندا يولدىن ئېزىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. شىلىننىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ بولۇپ، تۇتاش كەتكەن ئۆڭكۈرلەر، بىر – بىرىدىن ئېگىز قىيالار ناھايىتى كۆپ. بۇ جايدا ساياھەت قىلغاندا تەبىئەت مەنزىرىسىدىن تولۇق زوقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم ساياھەت يېتەكچىسىگە ئەگىشىڭ.

   گۇيلىن: گۇيلىندىكى لىجاڭ دەرياسىدا ساياھەت قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى بامبۇك سالغا ئولتۇرماڭ. چۈنكى بۇ  بامبۇك سالچىلار ئەرزان باھادا  سىزنى جەلپ قىلىدۇ، ئەمما دەريا سۈيى دولقۇنلۇق بولۇپ، سەللا بىخەستەلىك قىلسىڭىز ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇغا چۈشۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا بىخەتەرلىكىڭىزنى ئويلاڭ.  

    لىجياڭ: تاغقا چىققاندا  ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئىش كۆرۈڭ. تاغنىڭ يەر شەكلى خەتەرلىك، شۇڭلاشقا چوقۇم ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ يول باشلىشىدا تاغقا چىقىڭ. ساياھەت يېتەكچىسى يوق ھالدا  قاراملىق قىلىپ  خىلۋەت، خەتەرلىك  چوققىلارغا چىقماڭ.

   شيامېن: شيامېندا ساياھەت قىلغاندا ئويۇنغا بېرىلىپ، توپتىن ئايرىلىپ قالماڭ. گۇلاڭيۈ مەنزىرە نۇقتىسىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ،  توپتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز تېنەپ قالىسىز.

   شاڭخەي: ‹‹نەنجىڭ›› يولىدا ئوغرىدىن پەخەس بولۇڭ. چۈنكى بازاردىكى تۈرلۈك تاۋارلار سىزنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ – دە، پەخەس بولمىسىڭىز قىستاڭچىلىقتا  ھەميېنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

   شەنشى – ۋۇتەيشەن تېغى: ۋۇتەيشەن تېغىدا ساياھەت قىلغاندا قانۇنسىز كىرا ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرماڭ. ۋۇتەيشەن تېغىغا چىقىدىغان يول تىك ھەم تار بولۇپ، خەتىرى كۆپ. كىراكەشلىك ئىجازەتنامىسى يوق شوپۇرلار پايدىنى كۆزلەپ، ئەرزان باھا بىلەن سىزنى جەلپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار مۇنتىزىم تەربىيىلەنمىگەچكە، تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، خەتەرلىك يول شارائىتىغا ماسلىشالماسلىقى تۈپەيلى ھادىسە سادىر قىلىشى، سىزنىڭ  بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا تاغقا چىققاندا باھاسى قىممەترەك بولسىمۇ  چوقۇم  ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇڭ.

   خاربىن: خاربىننىڭ قاردا تېيىلىش مەيدانلىرىدا قاردا تېيىلغاندا يانفون، فوتوئاپپاراتىڭىزغا پەخەس بولۇڭ. قېلىن قاردا تېيىلىش كىيىمى كىيىدىغىنىڭىز ئۈچۈن  يانفون، ئاپپارات قاتارلىق بۇيۇملارنى يانچۇقىڭىزغا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ – دە، قاردا تېيىلغاندا ئۇلارنى ئاسانلا چۈشۈرۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.

   جېلىن: جېلىنغا ساياھەتكە بېرىپ شەرقىي شىمالنىڭ ئادەمگىياھلىرىنى  سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى چوڭ سودا سارايلاردىن سېتىۋېلىڭ.  يايمىلاردىكى ئادەمگىياھلارنىڭ باھاسى چوڭ سودا سارايلاردىن كۆپ ئەرزان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ساختا مەھسۇلاتلار بولۇپ، دورىلىق ئۈنۈمى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق دېيەرلىك.

  زۇلپىيە ئابدۇۋېلى تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ