باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
ئۈچتۇرپاندىكى جىغانلىق سەيلىگاھى
2008- 07- 03 10:28 شىنجاڭ گېزىتى

ۋارىسجان ئەھمەد

   ئۇچتۇرپان ناھىيىسى قەدىمدىن تارتىپ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەبىئىي شارائىتىنىڭ ئەۋزەللىكى، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلىكى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلگەن. بۇ خاسىيەتلىك زېمىندا مەشھۇر سەيلىگاھلار، تارىخىي ئىزلار ناھايىتى كۆپ. ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹توققۇزبۇلاق››، ‹‹سوۋۇتقۇ››، ‹‹قازانبۇلاق››، ‹‹جايتاغ›› قاتارلىق مەشھۇر  سەيلىگاھلارنى ئېچىش بىلەن بىللە، مۇۋاپىق مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، يېڭىدىن ‹‹قۇمبۇلۇڭ››، ‹‹پەيزى ئېغىز›› قاتارلىق سەيلىگاھلار، ‹‹مارجان بۇلاق››، ‹‹بېلىق كۆلى››، ‹‹جىغانلىق سەيلىگاھى›› قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

   ناھىيە مەركىزىدىن 53 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوتبېشى يېزىسىدا  ‹‹يۈسۈپ ئارال›› دەيدىغان بىر جاي بولۇپ، توشقان دەرياسىنىڭ بويىدىكى بۇ يەر يازدا قۇم – بوران ئۇچۇپ، قىشتا شىۋىرغان ھۇۋلاپ تۇرىدىغان جاي ئىدى. يۈسۈپ ئىسىملىك بىر چارۋىچى تۆگە باقىدىغان بۇ جاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا‹‹يۈسۈپ ئارال›› دەپ ئاتالغان، كېيىن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىدە قاقاسلىشىپ كەتكەنىدى. تۇنجى قېتىملىق كۆچەت تىكىش بايرىمىدا يېزا ياشلىرى تەشكىللىنىپ، ئىلگىر – ئاخىر بولۇپ 8000 مو يەرگە كۆچەت تىكىپ، جىغان ئۆستۈرگەن. بۇ جاي 1982 – يىلىدىن باشلاپ جايلاردىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيىچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى ۋە كېيىنچە ساياھەت نۇقتىسى قىلىنىپ، ‹‹جىغانلىق ئارامگاھى›› دەپ ئاتالدى.

   جىغان  توشقان دەرياسى ۋادىسىدىكى كوزىر مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى، ئۇ توشقان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قىش – ياز قىزىرىپ تۇرىدىغان مېۋىلىرى بىلەن ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

   جىغاننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىتامىن A قاتارلىق سەككىز خىلدىن كۆپ ۋىتامىن، كالتسىي، مىس قاتارلىق 20 نەچچە خىل مىكرو ئېلېمېنت؛ 20 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە باشقا تەركىبلەر بار، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى باشقا مېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى. جىغان مېۋىسى ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ياغ كىسلاتاسى، ئورگانىك كىسلاتا مىقدارى يۇقىرى بولۇش؛ تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىدا ئېرىشچان قەنت تەركىبى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. جىغان مېۋىسى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، جىگەر يەللىكىنى داۋالاش ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش؛ جىنسىي ئاجىزلىق، سۇلۇق ئىششىق، يۆتەل ھەم ئاياللار كېسەللىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

   بۇ يەرنىڭ قاتنىشى قۇلايلىق، ھاۋاسى ساپ، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، بۈككىدە جىغانلىق ئارىسىدىكى ئۆزگىچە بېزەلگەن ياغاچ ئۆيلەر ساياھەتچىلەرنى يىلدىن – يىلغا كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ