|
ئىختىيارىي مۇخبىرىلىرىمىز ئابلەت جۈمە تۇپراق ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى ، فوتوسى : 6- ئاينىڭ 28- كۈنى ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت بايرىمىنىمۇ كۈتۈۋالدى. قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا باشلانغان جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت بايرىمى 7- قېتىملىق دارۋازلىق خەلق سەنئىتى پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ باشلاندى. بۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت تۇققۇزدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، قەشقەر شەھىرىدىكى تۈمەن كۆل باغچىسىنىڭ شەرىقىي تەرىپىدە ناغرا - سوناي ئاۋازى پەلەككە يەتتى ، مىڭلىغان ئىشچى – خىزمەتچى ۋە شەھەر ئاھالىسى ئالقىش ياڭرىتىپ ، ‹‹ پەلەك شاھى›› ئادىل ھوشۇرنىڭ 850 مېتىر ئۇزۇنلۇققا ، 30 مېتىر ئېگىزلىككە تارتىلغان پولات سىم ئۈستىدە مېڭىپ ، دارۋازلىق ماھارىتىنى كۆرسىتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت توققۇزدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ، ‹‹ پەلەك شاھى›› ئادىل ھوشۇر دار ئۈستىدىكى تۇنجى قەدىمىنى تەمكىن ئېلىپ ، پولات ئارغامچا ئۇستىدە يۈگۈرۈش ، ئولتۇرۇش ، تاقلاپ مېڭىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ ، 10 نەچچە مىنۇتتىلا تۈمەن كۆل سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن غەربىي قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىپ ، ئۆزىنىڭ داۋازلىقتىكى يۇقىرى ماھارىتىنى نامايان قىلدى. ئارقىدىنلا ئادىل ھۈشۇرنىڭ شارگىتى ئايشەمگۈل مۇھەممەت دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسەتتى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئايشەمگۈل مۇھەممەت تۈمەنكۆل سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى دار ئۇستىدە ئۆزگىچە دارۋازلىق نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ‹‹ پەلەك شاھى›› ئادىل ھۈشۈر ۋە ئۇنىڭ شارگىتى ئايشەمگۈل مۇھەممەتلەرنىڭ چاققان ، قىزغىن ھەم جىددىي رەۋىشتىكى دار ئۈستى ماھارەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق سەنئىتىدىكى خاسلىققا ئىگە مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە ئىچىكى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايونلار، شۇنداقلا پاكىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى 7- قېتىملىق دارۋازلىق خەلق سەنئىتى پائالىيەتلىرى بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت بايرىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ ، ئۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە داۋالىشىدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇنىڭ شاگىرتىلىرى ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ‹‹ پەلەك شاھى›› ئادىل ھوشۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قەشقەر تارىخى ئۇزۇن ، مەدەنىيەتلىك قەدىمىي شەھەر ، مەن بۇ قېتىمقى دارۋازلىق خەلق سەنئىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ماھارەت كۆرسىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغانلىقىمدىن ، ئۇنى دۇنيا خەلقىگە تونۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال ، مېنىڭچە ، بۇ قېتىمقى دارۋازلىق خەلق سەنئىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ، چۈنكى بۇ پائالىيەت قەشقەرنىڭ سودا ، سەيلە –ساياھەت ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


سۈرەتتە: ئادىل ھوشۇر دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسەتمەكتە
|