|

ھاشارات ئۆلتۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر— تەركىبىدە زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك ماددىسى ۋە كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە قارشى ماددىسى بار ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ماددىلارنىڭ تەركىبىدە كۆپىنچە ئۆسۈملۈك ئىشقارى ، ساپونىن ، ئۇچۇشچان مايلار ، تاننىنلىق ماددىلار ، گلۇكوزىلىق سمولىلار ، روتېنون قاتارلىقلار بار . ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىق دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى زەھەر ماددىسى بار ئۆسۈملۈكلەردىن ياڭاق ، سۇ قامچىئوتى ، قۇشقاچتىل ، ئات قۇلاق ، يوپۇرماقسىز يالغان قىرىق بوغۇم ، ئېيىقتاپان ، بوۋانە ، ياۋا زاغۇن ، سېسىق چۈلۈك ، فىشىر سۈتلۈكئوتى ، ئابدىمىلىك ، بۆرە ئوغىسى(سۈتلۈكئوت) ، بۇيا ، ئىت ئۈزۈمى ، سۆگەت ، قامغاق ، ئاقباش ئوت ، يېكەن ، خارا يوسۇنى قاتارلىقلار بار ؛ يەنە بىر تۈردىكى ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى تەركىبىدە ھاشارات گورمۇنلىرى بار ئۆسۈملۈكلەردۇر ، مەسىلەن : تۆلەتكۈچى گورمون( ئېكدىسون) ، قېرىتماسلىق گورمونى ، بۇلار ھاشاراتلارنىڭ تۈلەش ، ھالەت ئۆزگەرتىش ، قورچاقتىن يېتىلىش ھالەتلىرىنى ، ھەتتا يېتىلگەن ھاشاراتنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشىنى كونترول قىلىپ ، غەيرىيلىككە ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈرىدۇ ، مەسىلەن ، چىلپايە ئۇرۇقدىشى ، سەربىز ئۇرۇقدىشى ، ياۋا كۈنجۈت ، ئاق گۈللۈك ئۈچقۇلاق ، جۇلاغ قاتارلىقلار .
|