|

ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي ئاساستۇر . شىنجاڭنىڭ ئېگىز تاغلىرى ، تۈزلەڭلىكتىكى ،چۆللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەمەل مەنبەسى بولىدىغان نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر بار . شىنجاڭدا ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر 2000 خىل ئەتراپىدا ، بۇلارنى ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان تېرىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى ئۆسۈملۈك تۈرلىرى كىرىدۇ :1. باھار پەسلىدە مۇھىم ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر: قىچا ، خەردەل ، چۇپۇرشاڭ ، چۇغۇندان ، تۇدارى ، بېسىلغاق ، جىگدە ، جىغان ، ياۋا ئالما ، ياۋا ئۆرۈك ،شاپتۇل ، قارىياغاچ يوپۇرماقلىق قارىئۆرۈك ، ئالتاي دولانىسى ، ياۋا گىلاس ، سۆگەت قاتارلىقلار . 2. ياز پەسلىدە ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر : ئاق ئاكاتسىيە ، ئۈچقۇلاق ، قىزىل بېدە ، بېدە ، قاشقابېدە ، بۇيا ، خۇش پۇراقلىق كۆك پۇرچاق ، ياۋا كۆك پۇرچاق ، يانتاق ، قوڭغۇراقتىكەن ، قاقىرا تۇمشۇق ، ئاق تىكەن ، قامغاق ، چۆل رەيھىنى، سۈزە ، چۆل يالپۇزى ، مەرۋەرەك ، جۇلاغ قاتارلىقلار . 3. كۈز پەسلىدىكى ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر : ئاپتاپپەرەس ، زاراڭزا ، قۇش قونماس ، سېفالانوپلوس ئوتى ، يالغان رەيھان ، ياۋا يالپۇز قاتارلىقلار .
|