باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
قاما
2008- 06- 30 16:39 تەڭرىتاغ تورى

     دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ .

     باشقا ئاتىلىشى: سۇ ئىتى ، چوڭ سۇ چاشقىنى .

     كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنى: گۆشخورلار ئەترىتى ، ئاغمىخانلار ئائىلىسى .

     مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن ، بېشى ياپىلاق ھەم كەڭ ، كۆزى كىچىك ، قۇلىقى كىچىك ھەم ياپىلاق بولىدۇ . تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى50-80سانتىمېتىر ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30-50سانتىمېتىر ، تەن ئېغىرلىقى 5–10 كىلوگرام كېلىدۇ . تۇمشۇقى ئالدىغا پولتىيىپ چىققان ھالەتتە بولىدۇ . بۇرۇن ، قۇلاق تۆشۈكچىلىرىدە ياغاقچە پەردىلىرى بولۇپ ، ئۇ سۇغا كىرگەندە ئېتىلىپ قېلىپ بۇرنى ۋە قۇلىقىغا سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . تۆت پۇتى قىسقا ، دىقماق بولىدۇ . بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ياغاق پەردىلىرى بولىدۇ . تىرناقلىرى ياپىلاق ھەم ئىلمەكلەشكەن بولىدۇ . قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى قىسمى ئىنچىكە ، تۈۋى قىسمى توم بولىدۇ . ئادەتتە قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ تەخمىنەن %50 ىگە توغرا كېلىدۇ .

     بەدەن تۈكلىرى قىسقا ، قويۇق بولۇپ ، رەڭگى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ ھەم ناھايىتى پارقىرايدۇ . تېنىنىڭ ئۈستىنىڭ رەڭگى قېنىق ، ئاستىنىڭ رەڭگى سۇسراق بولىدۇ . تۇمشۇقىدا ئۇزۇن ، قارا بۇرۇتچىلىرى بولىدۇ . بويۇن ئاستى قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمى سەل قىزغۇچ بولىدۇ . بەدەن تۈركلىرىنىڭ ئاستى قىسمى سەل ئاقۇچ كېلىدۇ . باش سۆڭىكى سەل كەڭرەك ھەم ياپىلاق كېلىدۇ . چىش فورمۇلىسى36=2.3.1.3/1.4.3.1 بولىدۇ .

     بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: قاما ھاياتىنىڭ يېرىمىنى سۇدا ئۆتكۈزىدىغان ھايۋان بولۇپ ، ئاساسلىقى چوڭ ، كىچىك كۆللەردە ، تاغ ئېقىنلىرىدىن ھاسىل بولغان كىچىك كۆللەردە ، سۇ ئامبارلىرىدا ، بولۇپمۇ سۈيى ئاستا ئاقىدىغان ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولمىغان سۈزۈك سۇلاردا ، بېلىقلار نىسبەتەن كۆپ بولغان سۇلاردا ياشاشنىياخشى كۆرىدۇ . ئادەتتە مۇقىم ئۇۋىسى بولمايدۇ ، پەقەت كۆپىيىش ۋاقتىدىلا مۇقىمئۇۋىسى بولىدۇ . ئۇۋىسى ئادەتتە سۇ بويلىرىدىكى تاشلار ئارىسىدا ياكى چوڭ دەرەخلەرنىڭ يىلتىزلىرى ئارىسىدا بولىدۇ . ئۇۋىسىنىڭ بىرقانچە ئېغىزى بولۇپ ، ئادەتتەئۇۋىسىنىڭ ئېغىزى سۇ يۈزىدىن تۆۋەن بولىدۇ . ئۇۋىسىنىڭ يەنە بىر ئېغىزى قۇرۇقلۇققا ئېچىلغان بولۇپ ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئۇۋىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى -قى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 02- 03 سانتىمېتىر بولىدۇ . ئۇۋىسىغا ئوت - چۆپ ، شاخ - يوپۇرماقلارنى يېيىتىدۇ . ئەگەر ئۇۋىسىنىڭ نەملىكى يۇقىرى بولىدىغان بولسا ، يېيىتىدىغان نەرسىلىرى قېلىن بولىدۇ . ئۇۋىسى ئېغىزىدا دائىم بېلىق ئۇستىخىنى ۋە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ . يامغۇر پەسلىدە ئۇۋىسىنى سۇ بېسىپ كەتكەن چاغلاردا ، ئۇ شۇ ئەتراپتىكى ئوتلاق ، چاتقال ئورمانلار ئىچىدە ياشايدۇ .

     قاما كۈندۈزى ئاساسەن ھەرىكەت قىلماي ئۇۋىسىدا دەم ئېلىپ ، قاش قارايغاندا ۋە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ، بولۇپمۇ ھاۋا ئوچۇق ئايدىڭ كېچىلەردە ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىنىپ كېتىدۇ . سۇغا شۇڭغۇشقا ۋە سۇ ئۈزۈشكە ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ .ئۇنىڭ ئارقا پۇتى ئۈزگۈچلۈك (پالاقلىق) رولىنى ئوينىسا ، قۇيرۇقى باشقۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇ ئادەتتە سۇ بويىدا تۇرۇپ كۆزىتىپ بېلىقنى كۆرگەن ھامان سۇدا قوغلاپ تۇتىدۇ . ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ . ‹‹ئانا›› قاما بالىلىرى بىلەن بىللە ياشايدۇ . ئۇنىڭ باش باھاردا سۇدىن چىقىپ ئاپتاپسىنىدىغان ئادىتى بار ، تومۇز كۈنلىرى كېچىدە سالقىنلايدىغان ئادىتىمۇ بار . ئۇنىڭ ئاڭلاش ، پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان . كۆرۈش سەزگۈسى ئالاھىدە بولۇپ ، سۇدا ، قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ماسلاشقان . ئۇ ئاساسلىقى بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ ، ئۇ سۇدا تىرىك بېلىقنى تۇتقاندىن كېيىن ، ئۇنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ ئوزۇقلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا قىسقۇچپاقا ، راك ، چار پاقا ، سۇ قۇشلىرى ، سۇ ھاشاراتلىرى ۋە ئۆز ھەرىكەت دائىرىسىدىكى غاجىلىغۇچىلار بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ ، ھەتتا ياۋا مېۋىلەر بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ .

     بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كۈيلەش ، چېتىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . لېكىن ، ئەتىياز ، يازدا كۆپىيىشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇلار سۇدىكى چىقىپ تۇرغان نەرسىلەر ئۈستىدە ياكى سۇنىڭ تېيىز يەرلىرىدە چېتىشىدۇ . ھەر قېتىمدا 1- 5 كېچە ، كۆپىنچە ئىككىنى تۇغىدۇ . بالىلىرىنى ئىككى ئاي سۈت بىلەن باققاندىن كېيىن بالىلىرى ‹‹ئانا››سىغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ . يېرىم يىل بىللە ياشىغاندىن كېيىن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ . بوغاز مەزگىلى ئىككى ئاي بولىدۇ . بالىلىرى بىر ياشتا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ .

     جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى : دۆلىتىمىز تەۋەسىگە قامىنىڭ بەش كەنجى تۈرى تارقالغان بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىگە بىرلا كەنجى تۈرى ، يەنى كۆرسەتكۈچ كەنجى تۈرى تارقالغان . ئۇ قابا ، بۇرچىن ، چىڭگىل ، غۇلجا ، قورغاس ، كۈنەس ، نىلقا ، تېكەس ، فۇكاڭ قاتارلىق چايلارغا تارقالغان . بۇ كەنجى تۈر ئىچكى ئۆلكىلەردە يەنە ئىچكى موڭغۇل ، خېيلۇڭجياڭ ، جىلىنلارغا تارقالغان . چەت ئەللەردە ياۋروپا ، شىمالىي ئافرىقا ، ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان .

     ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى: قامىنىڭ تۈك - تىۋىتلىرى قويۇق ، يۇمشاق ، چىرايلىق بولۇپ ، خۇرۇم چاپان ياقىلىرى ۋە باش كىيىم تىكىلىدىغان ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ . بۇنىڭدىن تىكىلگەن كىيىملەر ناھايىتى چىرايلىق ھەم يۇمشاق بولىدۇ . دۆلىتىمىز ئۇنىڭ تېرىسىنى ئاساسلىقى چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىدۇ . قامىنىڭ جىگىرى جۇڭگو تېبابىتىدە دورا قىلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . قولدا بېقىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ