|
كۆكسۇ ئارشىڭى تېكەس ناھىيە بازىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكسۇ دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى مەنزىرىلىك كۆكساي ئېغىزىغا جايلاشقان. بۇ ئارىشاڭ سۈيىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بولۇپ ، ھەر خىل تېرە كېسەللىرىگە شىپا بولغاندىن سىرت، قان تومۇر قېتىشىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، تۈرلۈك ياللۇغلىنىش ۋە رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. بۇ ئارشاڭ سۈيىنىڭ ياز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى 37— 38 گىرادۇسقىچە بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېكەس ناھىيىسى كۆكسۇ ئارشىڭىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جايلاردىن كېلىدىغان داۋالانغۇچىلارنى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن بۇ جاينىڭ شارائىتىنى ھەر جەھەتتىن ياخشىلىدى. ناھىيە بازىرىدىن ئارشاڭغىچە بولغان تاش يولنى راۋانلاشتۇردى. ئارشاڭ ئۆزىدە 180 كوۋادىرات مېتىرلىق يۇيۇنۇش كۆلچىكى، 11 ئېغىزلىق يۇيۇنۇش ئۆيى، 10 نەچچە ئېغىزلىق ياتاق سېلىپ، دوختۇر ۋە كۈتكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە ، بۇ ئارشاڭ تېكەس ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى .
|