|
ياز كىرىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى گۈل چېچەككە پۈركىنىدۇ. تۇتاش كەتكەن كۆز يەتكۈسىز تاغلار يېشىل لېپاس كىيىدۇ، يايلاقلاردا ھەر خىل گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ چاغلاردا فوتوگىرافلار بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى قىلىپ، ئاجايىپ داڭلىق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ، ساياھەتچىلەر داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن قانغۇچە ھوزۇر ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستتىدىكى قارا جون يايلىقىمۇ يېشىللىققا پۈركىنىپ ، ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلىپ ، ئىلى ئوبلاستىغا ساياھەتكە كەلگەن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ .
تىكەس ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان قارا جون يايلىقىنىڭ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 58 كىلومېتىر كېلىدۇ. يايلاقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى32 كىلومېتىر. قاراجون قازاقچە سۆز بولۇپ، ‹‹ تاغ قىرىدىكى چىمەنزار›› دېگەن مەنىدە. قارا جون يايلىقى ئىگىز تاغلىق يايلاق بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرى. ھەر يىلى يازدا بۇ يايلاق بەس – بەستە ئېچىلغان ھەر خىل گۈللەر بىلەن تولۇپ، خۇددى ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان بىر پارچە گىلەمگە ئوخشاپ قالىدۇ.
قارا جون يايلىقىنىڭ سۇ مەنبەسى مول، ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، تۇپرىقى مۇنبەت بولغاچقا، ھەر خىل ئوت – چۆپ، گۈل– گىياھلارنىڭ ئۆسۈشىگە تولىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ. قارا جون يايلىقى گەرچە ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، تىكەس ناھىيىسىدىن قارا جون يايلىقىغىچە بولغان يول بىر قەدەر خەتەرلىك بولۇپ، يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى. شۇڭا ئۇ يەرگە بارغاندا چوقۇم خەتەرلىك يوللاردا مېڭىشتا تەجىربىسى بار شوپۇرلاردىن بىرنى تەكلىپ قىلىش بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ. قارا جون يايلىقىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئۆزگۈرۈشچان بولغانلىقتىن، ئۇ يەرگە بارغاندا ئېھتىيات ئۈچۈن قېلىنراق كىيىم – كىچەك، تەييار يىمەكلىكلەرنى ئېلىۋېلىش لازىم.
|