|
ئالتاي ۋىلايىتى
رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شىمالىي قىسمىغا ، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان ، شەرق ، غەربىي شىمال ، ۋە شىمال تەرىپى ئايرىم–ئايرىم ھالدا موڭغۇلىيە ، قازاقىستان ، رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ . جەنۇبىي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ، غەربىي جەنۇبىي تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ . ئالتاي ۋىلايىتىگە ئالتاي شەھىرى ، بۇرچىن ناھىيىسى ، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى ، كۆكتوقاي ناھىيىسى ، قابا ناھىيىسى ، چىڭگىل ناھىيىسى ، جېمىنەي ناھىيىسى قارايدۇ .ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئالتاي شەھىرىدە. 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 612مىڭ600بولۇپ، ئاساسلىقى قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. تەبىئىي بايلىقى: ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي شىمالى ئېگىز ، جەنۇبىي پەس بولۇپ ، شەرقىي شىمال قىسمى جۇڭگو–موڭغۇلىيە ،جۇڭگو –رۇسىيە چېگرىسىغا سۇزۇلغان ئالتاي تاغلىرى ، غەربىي جەنۇبىي قىسمى قۇربانتۇڭگۈت قۇملۇقى ، ئوتتۇرا قىسمى ئېرتىش دەرياسى ، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى . سۇ بايلىقى مول بولۇپ ، ئېرتىش دەرياسى ، ئۇلۇڭگۈر دەرياسىدىن باشقا يەنە ئۇلۇڭگۈر كۆلى ،قاناس كۆلى قاتارلىق 56كۆل بار . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، تۆمۈر ، مانگان ، خروم ، مىس ،تاش ئالتۇن ، كېپەك ئالتۇن، چىرىمتال ، بېرىللىي، دالاشىپاتى ، ياقۇت ،لىتىي قاتارلىق 86خىلى بار بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە 6چوڭ كان رايوننىڭ بىرى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹رەڭلىك مېتال ئېچىش بازىسى ››. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا ئېشەك ، قۇندۇز ، تاغ ئۆچكىسى ، يىلپىز ، قىيالىق تۇندرا كەكلىكى ، ئاق بېلىق ، ئاتسىپېنسېر بېلىقى قاتارلىق 73خىلى بار . ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن قۇرتئوت ، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا ، سۇزاپلار بار . ئالتاي ۋىلايىتى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ سوغۇق رايون قۇرۇقلۇق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ . يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃3.7، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 171.5 مىللىمېتىر،يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1814.9 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 131كۈن. ئىگىلىك ئىقتىسادى : ئالتاي ۋىلايىتى دۆلىتىمىزنىڭ رەڭلىك مېتال ۋە كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ئىستراتېگىيىلىك زاپىسى رايونى بولۇپ ، ئالتۇن ، ياقۇت چىقىرىش بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپ ،‹‹ئالتۇنتاغ ››دېگەن نامغا ئېرىشكەن . چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقى ئاپتونوم رايوندا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە .ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ،كۆمۈرچىلىك ،ئالتۇن قېزىش ، كانچىلىق ،يۇڭ توقۇمىچىلىق ، قەغەزچىلىك ،كىيىم – كېچەك ، يېمەكلىك سانائىتى خېلى كۆلەملەشكەن بولۇپ ، مەھسۇلاتلىرىدىن كۆمۈر ، تۆمۈر رۇدىسى ، مىس ، نېكىل، سېمونت ، ئىچىملىك ھاراق ،يۇڭ توقۇلما ،قەغەز بوتقىسى قاتارلىقلار بار . بۇنىڭ ئىچىدە يۇڭ توقۇلمىلىرى ،ئالتاي تېغى ھاراقلىرى ، قاناس ھاراقلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى خېلى مەشھۇر بولۇپ ، بازار تاپقان كوزۇر مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ قالدى . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن قىزىلچا ، بەرەڭگە تۈرىدىكىلەر بار. چارۋىچىلىقتا ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كىچىك قىزىل بېلىق ، سىبىرىيە ئۇستۇر بېلىقى ، تېماللۇس سىگنىفۇر بېلىقى ، لوتا قاتارلىق 22 خىل يەرلىك بېلىق بار. قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاتنىشى قۇلايلىق بولۇپ ، دۆلەت يولىنىڭ 216–،217–لىنىيىلىرى بۇ يەردە تۇتىشىدۇ ھەمدە دۆلەت يولى 312–لىنيىسى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئۇچ تەرەپ تىركىشىپ تۇرغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. دۆلەت يولى 216–لىنيىسى تۇرپان – ئۈرۈمچى –داخۇڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولى ئارقىلىق بىۋاسىتە مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدۇ، دۆلەت يولى 217–لىنيىسى قاراماي ئارقىلىق بىۋاسىتە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولغان كۇيتۈن شەھىرىگە تۇتىشىدۇ . تەۋەلىكىدە دۆلەت 1–دەرىجىلىك پورتتىن 4ى بار بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە تاشقىن ، قىزىلتاغ ئېغىزى قاتارلىق ئىككى چېگرا پورتى موڭغۇلىيىگە ،جېمىنەي، ئاقتۆبەك قاتارلىق ئىككى چېگرا پورتى قازاقىستانغا ئېچىۋېتىلگەن ،ئالتاي ۋىلايىتى قاناس كۆلىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئېكولوگىيىلىك ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئېكولوگىيىلىك بايلىق جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە . قاناس كۆلى، تاڭبالى كۆلى ،قىيىن باغچىسى، ئارىشاڭ تېغى ئارشىڭى ،ئۇلۇڭگۈر كۆلى ،ساندۇخەيزى،ئوتلاق تاش ئادىمى قاتارلىقلار بار.
|