|
خوتەن ۋىلايىتى
رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا .شەرقى بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ، جەنۇبىي شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن ، غەربى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ، شىمالى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ .غەربى جەنۇبىي كەشمىر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىگە خوتەن شەھىرى ، خوتەن ناھىيىسى ،قاراقاش ناھىيىسى ، گۇما ناھىيىسى ، لوپ ناھىيىسى ، چىرا ناھىيىسى ، كېرىيە ناھىيىسى ۋە نىيە ناھىيىسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە خوتەن شەھىرىدە. 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 743 مىڭ 800 بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان . تەبىئىي بايلىقى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي ئېگىز ، شىمالى پەس بولۇپ ، غەربتىن شەرققە قىيپاش كەلگەن ، جەنۇبى كۆپ چوققىلىق كوئىنلۇن چوققىسى ، ئوتتۇرا قىسمى تاغ ئالدى يانتۇلۇق بەلبېغى ،شىمالى قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى ، سۇ بايلىقىدىن خوتەن دەرياسى ، يۇرۇڭقاش دەرياسى ، كېرىيە دەرياسى قاتارلىق چوڭ –كىچىك 36 دەرياسى بار ، ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر ، مىس، تۆمۈر ، ماگنىي ، ئالتۇن ، ھاك تاش ، قاشتاش قاتارلىق 60 خىلدىن ئارتۇقى بار ، ئۇنىڭ ئىچىدە خوتەن قاشتېشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق . ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا قوتاز ، تىبەت قۇلىنى ، تىبەت بۆكىنى ، كۆكيامان ، ئۇلار قاتارلىقلار بار ، ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن چوڭ سۇزاپ ، تاغ لەيلىسى ، چاكاندا ، چۈچۈكبۇيا ، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار . خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون مۆتىدىل بەلباغ ياكى سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 13.4، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 51.3 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2504.6 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 236كۈن. ئىگىلىك ئىقتىسادى :خوتەن ۋىلايىتى تارىخى ئۇزۇن سۇغىرىش تىپىدىكى دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ ، ئەزەلدىن‹‹ ئاشلىق ئامبىرى››،‹‹مېۋە–چېۋە ماكانى ››دېگەن گۈزەل نامى بار . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق ، پاختا ، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار . باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، كەڭ تارقالغان ، ئۇنىڭ ئىچىدە قەغەز ياڭاق ، ئۈجمە ، ئاق ئۆرۈك، قاتارلىقلار بىر قەدەر داڭلىق . خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز بولۇپ ، توك تارقىتىش ،كۆمۈر قېزىش ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يىپەك ،گىلەم ، توقۇمىچىلىق ، قاشتېشى ، ھاراق ئېچىتىش قاتارلىق تۈرلىرى بار . ئۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ھېقىق ئانىرى ، سۈپەتلىك ئۈزۈم ۋە قۇملۇقتىكى ياۋا قىزىلگۈلدىن چىقىرىلىدىغان خوتەن ئانار ھارىقى ۋەكىللىكىدىكى يېشىل يېمەكلىك سانائىتى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە . چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، ئات ، ئېشەك بېقىلىدۇ، خوتەن يېرىم يىرىك يۇڭلۇق قويى ئاساس قىلىنىدۇ . يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئەتلەس ، خوتەن قاشتېشى ، خوتەن گىلىمى قاتارلىقلار بار . قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاتنىشى قولايلىق ، دۆلەت يولىنىڭ 315–،219–لىنىيىلىرى پۈتۈن ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ ،خوتەن ۋىلايىتىدىكى پۇقرالار ئايرودرومىدا خوتەندىن ئۇچۇپ ، ئاقسۇدىن ئۆتۈپ ، ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ھاۋا يولى ئېچىلغان . خوتەن ۋىلايىتى قەدىمىي‹‹يىپەك يولى››نىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە جايلاشقان بولۇپ ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى ، ئاددىي–ساددا ئۆرپ–ئادىتى ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللىي مەدەنىيىتى ، ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى ، نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، مول گۆھەر بايلىقى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تەلپۈندۈرىدىغان جايغا ئايلاندۇرىدۇ . مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى ، راۋاق بۇتخانا خارابىسى ، ئاقسېپىل قەدىمىي شەھەر خارابىسى ، ئەندىر قەدىمىي شەھەر خارابىسى ، ئۇلاچى قىيا تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار ، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن قۇملۇق تاشيولى ، كوئىنلۇن تېغىدىكى سىرلىق مۇزلۇق ، ئېگىز تاغدىكى كۆللەر ، ئارىشاڭلار ، ۋولقانلار توپى ۋە ئۇزۇن كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى ، يۈز يىللىق ئەنجۈر پادىشاھى قاتارلىقلار بار .
|