باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەمۇرىي رايونلىرى
2008- 06- 23 16:50 تەڭرىتاغ تورى

 

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى

      رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى : قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان . شەرقى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن ، جەنۇبى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ ، غەربى تاجىكىستان بىلەن ، شىمالى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ . قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئاتۇش شەھىرى ، ئاقتۇ ناھىيىسى ، ئاقچى ناھىيىسى ۋە ئۇلۇغچات ناھىيىسى قارايدۇ . ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاتۇش شەھىرىدە . 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 458مىڭ 400بولۇپ، ئاساسلىقى قىرغىز ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان .
      تەبىئىي بايلىقى :قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شەرقىي جەنۇبتىن  غەربىي شىمالغا قاراپ شوتا شەكلىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ماڭغان بولۇپ ، تاغ كۆپ ، تاغ يېرى پۈتۈن ئوبلاست ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ%90دىن كۆپرەكى تەشكىل قىلىدۇ .سۇ بايلىقىدىن توشقان دەرياسى ، ئۆرۈك دەرياسى ، چاقماق دەرياسى ، قىزىلسۇ دەرياسى ، گەز دەرياسى ، كۈسەن دەرياسى ۋە قارا تاش دەرياسى قاتارلىقلار بار . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن ،  كۈمۈش ، مىس ، تۆمۈر ، مانگان ، خروم ، قوغۇشۇن ، سىنك ، قەلەي ، كوبالت ، كۆمۈر قاتارلىقلار بار .بۇنىڭ ئىچىدە قوغۇشۇن بىلەن سىنكنىڭ زاپىسى شىنجاڭ بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ. پيېزو ئېلېكترلىك خرۇستال زاپىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى زاپاس مىقدارىنىڭ %90دىن كۆپرەكىنى ،مىس زاپىسى %40دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ .ياۋايى ھايۋانلاردىن قارا لەيلەك ، ئاق لەيلەك ، يىلپىز ، ئارقار ، سۈلەيسۈن ، ئۇلار قاتارلىقلار بار . ياۋايى ئۆسۈملۈكلىرىدىن چۈچۈكبۇيا ، ئەڭلىكئوت، ئەنجۈدان ، چاكاندا ، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار . قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تىپىك مۆتىدىل بەلباغ ، ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق رايونىغا تەۋە بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 9.4، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 135.5 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2386.3 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 190 كۈن .
      ئىگىلىك ئىقتىسادى : قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە دۆلەت 1–دەرىجىلىك ئىككى پورت بولۇپ، چېگرا سودا تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز بولماقتا ، ئىمپورت– ئېكسپورت ئۇچقاندەك ئاشماقتا. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە باغۋەنچىلىك شىنجاڭ بويىچە بەلگىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ . ئەنجۈر ، مۇناقى ئۈزۈم ، بارىن ئۆرۈكى ، ئانار قاتارلىق سۈپەتلىك مېۋىلەر تەدرىجىي كۆلەم ھاسىل قىلدى .ئۇنىڭ ئىچىدە ئەنجۈر ئېلىمىز مېۋىلىرىنىڭ ئېسىلى ھېسابلىنىدۇ .سانائىتىدىن كان قېزىش ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ، ئاشلىق–ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار . يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ، شال ،كېۋەز ،كۆممىقوناق ، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار .چارۋىچىلىق كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ، قوي ، قوتاز ، كالا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ .
      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىك :قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە چىقىشتىكى مۇھىم دەرۋازا ، دۆلەت يولى 314–لىنيىسى ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى بۇ ئوبلاست تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ . ئۆلكە يولىنىڭ 212–، 306– ، 309–لىنىيىلىرى ھەممە تەرەپكە تۇتۇشىدۇ . ئوبلاستتىكى دۆلەت 1–دەرىجىلىك ئىككى پورت –تورغات پورتى ۋە ئەركاشتام پورتى ئوتتۇرا ، غەربىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك . ئوبلاست تەۋەسىدە تاشيول ترانسپورتى ئاساس قىلىنغان بولۇپ ، ئوبلاست مەركىزىدىن ھەر قايسى ناھىيىلەرگە ۋە ناھىيىلەردىن ھەر قايسى يېزىلارغا تۇتىشىدىغان تاشيول تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى . ئوبلاست تەۋەسىدە ساياھەتچىلىك بايلىقى مول بولۇپ ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇز چوققىلىرى ، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ئېگىزلىك ، ‹‹مۇز تاغ ئاتىسى ››دەپ نام ئالغان مۇزتاغ چوققىسى ، قوڭۇر تۆپە چوققىسى،قارا كۆل ، يانبۇلاق مۇزلۇق باغچىسى ، كوئىنلۇندىكى ئۈچ ھەيۋەتلىك مەنزىرە رايون ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تاغ فېرمىسى ئۈچتاش مەنزىرىلىك رايونى قاتارلىقلار تاغقا چىقىش ۋە تاغ ساياھىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قاراخانىيلار خاندانلىقى ئوردىسى خارابىسى ، ئاتۇش سۇغۇن قەدىمىي شەھىرى ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇددا ئۆڭكۈرى ئۈچ مىراۋان غارى ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مور بۇددا مۇنارى ۋە قەدىمىي‹‹ يىپەك يولى››دىكى گەز ئۆتىڭى قاتارلىقلار بار .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ