باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
ئاقسۇ ۋىلايىتى مەمۇرىي رايونلىرى
2008- 06- 23 16:47 تەڭرىتاغ تورى

 

ئاقسۇ ۋىلايىتى

      رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: ئاقسۇ ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي جەنۇبىغا ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان .شەرقىي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ، جەنۇبىي خوتەن ۋىلايىتى بىلەن ،غەربى جەنۇبى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ،شىمالى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ . غەربىي شىمالى قازاقىستان قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ .ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئاقسۇ شەھىرى ، ئونسۇ ناھىيىسى ، كۇچا ناھىيىسى ، توقسۇ ناھىيىسى ، شايار ناھىيىسى ، باي ناھىيىسى ، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى ، ئاۋات ناھىيىسى ۋە كەلپىن ناھىيىسى قارايدۇ . ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئاقسۇ شەھىرىدە . 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 2مىليون 193مىڭ 400بولۇپ ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ  مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان .
      تەبىئىي بايلىقى: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر شەكلى شىمالى ئېگىز ، جەنۇبى پەس بولۇپ شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ، جەنۇبىي قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى ، ئوتتۇرا قىسمى تارىم دەرياسى ، ئاقسۇ دەرياسى ، كۇچا دەرياسى ، تارىم دەرياسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دەريا ۋە نۇرغۇنلىغان كۆللەر بار . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن 53خىلى بار بولۇپ ، ئېنېرگىيە ، مېتال ، مېتاللوئىد ، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ، ياقۇت ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قېزىلما بايلىقىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت ، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، دۆلەتنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى گاز مەنبەسىنىڭ%80ى مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ . ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن  يىلپىز ، ئاق لەيلەك ، قارا لەيلەك ، تاغ ئۆچكىسى ، ئارقار قاتارلىقلار بار . ياۋا دورا ئۆسۈملۈكى بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا ، تاغ لەيلىسى ، قانتېپەر ، چاكاندا قاتارلىقلار بار . ئاقسۇ ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5 ، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 42.4 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 227كۈن.
      ئىگىلىك ئىقتىسادى : ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ماددىي بايلىقى مول بولۇپ ، دۆلەتنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم بازىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىرىك يېزا –ئىگىلىكى بازىسى . تەۋەلىكىدىكى نېفىتلىك ۋە گازلىق نېفىتلىكى ۋە گازلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى . سانائەتتە نېفىت ، تەبىئىي گاز ، توقۇمىچىلىق ، خىمىيە سانائىتى ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ، كۆمۈر ، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ، ئاشلىق –ياغ پىششىقلاش قاتارلىقلار بار . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ، پاختا ، كۆممىقوناق ، شال ، قىزىلچا ، ئالما ، ئۈزۈم ، نەشپۈت ، ياڭاق ، چىلان  قاتارلىقلار بار .ئاقسۇ ۋىلايىتى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر قارىكۆل قويى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ تاغ ئۆچكىسى تىۋىتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن پۇراقلىق گۈرۈچ ، ‹‹نارتۇق گۈرۈچى››،قەغەز ياڭاق ، قىزىل ئالما ، كۇچا كىشمىش ئۆرۈكى ، ئامۇت ، رەڭلىك پاختا قاتارلىقلار بار .
      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى : ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، غول لىنىيە دۆلەت يولى 314–لىنيىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋىلايەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ . دۆلەت يولى 217–لىنيىسى تەڭرىتاغنى ھالقىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدۇ . تەۋەلىكىدە ئاقسۇ ، كۇچا ئايرودروملىرى بار بولۇپ ، ئۈرۈمچى ، كورلا ، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بىۋاسىتە ئۇچقىلى بولىدۇ . تاشيول ، تۆمۈر يول ئاۋىئاتسىيە ، تۇرۇبىلىق گاز يەتكۈزۈش بىرلىشىپ ستېرېئولۇق ترانسپورت تورىنى شەكىللەندۈرگەن . ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹كۈسەن سەنئىتى ››خەزىنىسى دەپ ئاتالغان قىزىل مىڭئۆي ، قۇمتۇرا تاشغارى ، قەدىمىي تۇرا قاتارلىق ئالتە جايدا مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ئورۇن بار . داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن تۆمۈر چوققا دۆلەت تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ، سىرلىق ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونى ، تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى قاتارلىقلار بار .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ