باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
2008- 06- 23 16:38 تەڭرىتاغ تورى

 

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

      رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ، شەرقىي گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى بىلەن ، جەنۇبى كوئىنلۇن تېغى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن ، غەربى ئاقسۇ ۋىلايىتى ، خوتەن ۋىلايىتى بىلەن ، شىمالى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ، ئۈرۈمچى شەھىرى ، تۇرپان ۋىلايىتى ، قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ . بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كورلا شەھىرى ، بۈگۈر ناھىيىسى ، لوپنۇر ناھىيىسى ، چاقىلىق ناھىيىسى ، چەرچەن ناھىيىسى ، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى ، خوشۇت ناھىيىسى ۋە باغراش ناھىيىسى قارايدۇ . ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى كورلا شەھىرىدە . 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1ملىيون 126مىڭ 500بولۇپ ، ئاساسلىقى موڭغۇل ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان.
      تەبىئىي بايلىقى : بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېرى كەڭ بولۇپ ، جەنۇبى قىسمى كوئىنلۇن تېغى ،ئالتۇنتاغ ، ئوتتۇرا قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى ، شىمالى قىسمى بايىنبۇلاق ئوتلۇقى ، قۇرۇق تاغ ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىك ،لوپنۇر بوران كۆل تىنما تۈزلەڭلىكى . تارىم ئويمانلىقىنىڭ 2قىسمى ئۇنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. سۇ بايلىقىدىن تارىم دەرياسى ، قارا شەھەر دەرياسى ، چەرچەن دەرياسى ، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق دەريا ۋە كۆللەر بار . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن تەبىئىي گاز ، نېفىت ، كۆمۈر ، ئاندالۇزىت ،تۆمۈر ، مانگان ، قاشتېشى قاتارلىق 54خىلى بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت زاپىسى 10مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ. ياۋايى ھايۋانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ، شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى ، ياۋا تۆگە ، ياۋا قوتاز ، قارا بويان تۇرنا ، تايغان بۇغا ، تاغ ئۆچكىسى ، يىلپىز ، سۈلەيسۈن ، ئارقار قاتارلىقلار بار . ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن چۈچۈكبۇيا ، قانتېپەر ، چاكاندا ، سوغىگۈل قاتارلىق 477خىلى بار . بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ . يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.5 ، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى   157.8 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 140كۈن .
      ئىگىلىك ئىقتىسادى : بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ‹‹ئۆتەڭ ››بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ‹‹جەنۇب بىلەن شىمالنى بىر–بىرىگە باغلاش ››تەك ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.ئۇنىڭ ئېنېرگىيە سانائىتى ، يېمەكلىك سانائىتى ۋە باغۋەنچىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان . شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ نېفىت ۋە گازلىق شىركىتىنىڭ بىرى بولغان تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى كورلا شەھىرىدە .پەمىدۇر قىيامى قاتارلىق يېشىل يېمەكلىك يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ ، مېۋىلەرنىڭ سەرخىلى بولغان كورلا نەشپۈتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى . سانائەتتىن نېفىت ، خىمىيە سانائىتى توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلىرى بار .دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال ، كۆكتات ،بۇغداي ،قىزىلچا ، پاختا ،كۆممىقوناق ، ياغلىقدان قاتارلىقلار بار . چارۋىچىلىقتا   كالا بىلەن قوي ئاساس قىلىنىدۇ .يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلاردىن نەشپۈت ، كىشمىش ئۆرۈك ، چىلان ، كۈزلۈك يېسىۋېلەك ، قىزىلمۇچ ، سامساقلار بار .
      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، دۆلەت يولىنىڭ 216–،217–، 218– ، 314–، 315–لىنىيىلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئوبلاست تەۋەسىدە تورسىمان تۇتاشقان . كورلا ، چەرچەن ئايرودوملىرىدا دۆلەت ئىچى ھاۋا يولى ئېچىلغان . بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەت بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولۇپ ، مەشھۇر ساياھەت نۇقتىلىرىدىن باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى ،بايىنبۇلاق ئوتلىقى  ، ئاق قۇ كۆلى ، نېلۇپەر كۆلى ، ئالتۇن قۇم ساھىلى ، ئاخۇنكا ، تارىم قۇملۇق تاشيولى ۋە ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار . مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن كىروران قەدىمىي شەھىرى ،مىرەن خارابىسى ، باشئەگەىم ، بالۇنتاي بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ