|

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا ،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان .شەرقىي قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن جەنۇبى ئۈرۈمچى شەھىرى ، تۇرپان ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، غەربىي شىخەنزە شەھىرى ، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن ، شىمالى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ . شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا سانجى شەھىرى ، فۇكاڭ شەھىرى، مىچۈەن شەھىرى ، قۇتۇبى ناھىيىسى ، ماناس ناھىيىسى ، گۇچۇڭ ناھىيىسى ، جىمىسار ناھىيىسى ۋە مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ، قارايدۇ، ئوبلاستىلىق خەلق ھۆكۈمىتى سانجى شەھىرىدە . 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 1مىليون 543 مىڭ 300 بولۇپ، ئاساسلىقى خەنزۇ، خۇيزۇ ، قازاق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان . تەبىئىي بايلىقى : سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى ئېگىز ، شىمالى پەس بولۇپ ، جەنۇبىي رايونى تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ، شىمالىي قىسمى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى ، ئوتتۇرا قىسمى بوستانلىق ۋە تۈزلەڭلىك . سۇ بايلىقىدىن ماناس دەرياسى ، تاسىرقاي دەرياسى ، قۇتۇبى دەرياسى ، سەنتۇنخې دەرياسى ، تۇدۇڭخې دەرياسى قاتارلىقلار بار . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر ، نېفىت ، تەبىئىي گاز ، مەرۋايىت تاش ، چىرىمتال ، سلانېتس قاتارلىق 50 نەچچە خىلى بار . ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا ئات ، ياۋا ئېشەك ، ئۇلار ، جەرەن ، تاغ ئۆچكىسى ، ئارقار ، قارا لەيلەك ، ئاق لەيلەك ، سېرىق بۈركۈت قاتارلىق 130 خىلى بار . ياۋا دورا ئۆسۈملۈكى بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل ، قانتېپەر ، پەربۇن ، تاغ لەيلىسى ، زاراڭزا ، ئالقات ، چۈچۈكبۇيا ، قاتارلىق 100نەچچە خىلى بار . سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.7،يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 215.7مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1988.5مىللىمېتىر ،يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 164كۈن. ئىگىلىك ئىقتىسادى : سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق بازىسى . شۇنداقلا مۇھىم سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ ، ئاشلىق ، پاختا ، چارۋا مەھسۇلاتى ، ئۇرۇقچىلىق ، كۆكتات قاتارلىق تايانچ كەسىپلەر ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن . ماناس ناھىيىسى دۆلەتنىڭ پاختا بازا ناھىيىسى ، گۇچۇڭ ناھىيىسى دۆلەتنىڭ ئاشلىق ناھىيىسى ، پۈتۈن ئوبلاست چارۋىچىلىقنىڭ يېزا–ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە گۆش ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى شىنجاڭ بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ . يېمەكلىك ، ماشىنا – ئېلېكتر ، يېنىك سانائەت ، توقۇمىچىلىق ، بىناكارلىق–قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، ئېنېرگىيە ، خىمىيە – سانائىتى ، ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان سانائەت سىستېمىسى ئوبلاست بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى . پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىن تۇنخې ۋە ئالاھىدە ترانسفورماتور ئېلېكتر سانائىتى ، شىركىتى قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى . شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتورى ، شىنتيەن ئۈزۈم ھارىقى ، تۇنخې سېمونتى ، يەنيۈ پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى ، مەيچۈر يۈرۈشلۈك يېمەكلىكلىرى ،غەربىي دىيار ئۇرۇقى ، تەڭرىتاغ ئۇنى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ماركىلار شەكىللەندى . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ، كۆممىقوناق ، شال ، پاختا ، قىزىلچا ، پۇرچاق ، ياغلىق دان ، مېۋە–چېۋە ، كۆكتات قاتارلىقلار بار ، قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى : سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قاتنىشى قولايلىق بولۇپ ، دۆلەت يولىنىڭ 312– ، 216–لىنىيىلىرى ، تۇرپان –ئۈرۈمچى –داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولى ، ئۈرۈمچى – كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە شىمالى شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئوبلاست تەۋەسىدىن كېسىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇلاستاي دۆلەت 1–دەرىجىلىك پورتى موڭغۇلىيە بىلەن سودىلىشىدىغان مۇھىم پورت . سانجى ئوبلاستى يادرولۇق ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە مەشھۇر بولغان ئېگىز تاغ كۆلى –بوغدا كۆلى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان غەربىي دىيار تارىخىي مەشھۇر شەھىرى ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشىبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى ، شىداسى مەسچىتى خارابىسى ، كاڭجا تاش دەرۋازا قىيا تاش سىزمىلىرى ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دىنوزاۋر تاش قاتمىسى قېزىلغان جاي ،شەرقتىكى ئەڭ چوڭ قەدىمىي تاشقا ئايلانغان ئورمان ۋۇسەيۋەن سىلتسىيلاشقان دەرەخ ئورمىنى ، نوم شەيتان شەھىرى ، قۇم ساداسى تېغى قاتارلىقلار بار .
|